بۈگۈن رويتېرس ۋە ئەلجەزىرە قاتارلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، شۇ كۈنى يەرمەنكىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا زىيارەتچىلەر ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.
ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەرمەنكە رايونى ئەتراپىدىكى يوللاردا ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى كېلىپ چىققان.
بوشۇن تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرمەنكە مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ۋە رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگانلارنىڭ خادىملىرى ۋە شۇنداقلا ئوقۇتقۇچى، كادىر، سېسترالار ھەممىسى «مۇقىملىق ساقلاش» قا چىققان.
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە يېشىل رەڭلىك ساقچى فورمىسى ۋە يېشىل رەڭلىك ياغاچ كالتەك تارقىتىپ بېرىلىپ، مەھەللىمۇ-مەھەللە، كوچىمۇ-كوچا چارلاشقا قويۇلغان. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پەيشەنبە كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، كىشىلەرگە ئامال بار ئۆيىدىن تالاغا چىقماسلىقى ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.
ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ياۋرۇ-ئاسىيا يەرمەنكىسىنى خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارادا ئالاھىدە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يەرمەنكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىجارەت مەركىزى ھالىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھۈل سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى يەرمەنكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغان تەرەپلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا ئېلىنغان مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۆزىگە تارتماقتا.
بۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلاردا يەرمەنكىنىڭ بىرىنچى كۈنى زىيارەتچىلەرنىڭ سانىنىڭ پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ ئاز بولغانلىقى ۋە يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كارخانىلارنىڭ بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك دەرىجىدە ئازلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.