يەكەندە «كۆپ تىل بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى ئۇنتۇش نومۇس» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەندى

21-فېۋرال خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن يەكەن ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتىپى ئانا تىلنى قەدىرلەش، قوش تىلنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەن تېمىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

پائالىيەتتە مەكتەپ مۇدىرى ئامانگۈل ئابدۇكېرىم «كۆپ تىل بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك نومۇس» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پائالىيەتكە مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، ناھىيىدىكى بىر قىسىم يازغۇچى-شائىرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەتتە ئانا تىل مەدھىيىلەنگەن شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىنغان.

خەۋەردىكى رەسىملەردىن قارىغاندا، پائالىيەتتە يەنە ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئانا تىلنى بىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى تەسۋىرلەنگەن ۋە ئانا تىلنى قەدىرلىمەسلىك تەنقىدلەنگەن ئېپىزوتلار ئوينالغان.

بۈگۈن ئۇيغۇربىز تورىمۇ خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە ئانا تىلنى قوغداشقا چاقىرىق قىلدى.

ب د ت 1999-يىلى، 21-فېۋرال كۈنىنى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ كۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئانا تىل بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.