قازاقىستاندىكى يەر تەۋرەش غۇلجا قاتارلىق جايلارغا قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى

28‏-يانۋار كېچە سائەت 10:38 دە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئۆز-ئارا چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەن 6 بال يەر تەۋرەش ۋە قالدۇق يەر تەۋرەش ئىلى ۋە ئاقسۇنىڭ بىر قىسىم ناھىيىلىرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن قازاقىستان تەرەپ تەۋرەش دەرىجىسىنى 1.6 بال بىلەن 3.6 بال ئارىلىقىدا دەپ ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.30

ىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى ۋىلايەتكە قاراشلىق موڭغۇلكۈرە، كەلپىن، ئاۋات، ئونسۇ قاتارلىق 5 ناھىيە ۋە شەھەردە 20 مىڭ 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. 3 مىڭ 200 دىن ئارتۇق قورۇ، 7 مىڭ 400 ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي تالاپەتكە ئۇچرىغان. دائىرىلەر ئىقتىسادى زىياننىڭ 60 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۇيغۇر ئېلى چېگراسىدىكى تاغلىق رايوندا بولسىمۇ، بىراق قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە تەسىر قىلغان.

ئالمائاتا شەھىرىدە بىر قىسىم بىنالارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، يەر تەۋرەشنىڭ قىرغىزىستان تەرەپكە قانداق تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايونلارغا تېلېفون قىلىپ، ھال سورىغانلىقى ۋە ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان 20 مىڭدىن پۇقراغا قانداق ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.