ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە يەر تەۋرەشنى يىراقتىن ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش تەۋەسىدە 21 - ئاۋغۇست كەچقۇرۇن 4.5 بال يەر تەۋرىگەن.
ئۇچۇردا بېرىلگەن خەرىتە كوئوردېناتىغا قارىغاندا يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقىت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە ئاتۇشنىڭ ئاقچى ناھىيە بازىرىغا 9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كۆرۈلگەن.
ئۇچۇردا بۇ نۆۋەتلىك تەۋرەشنىڭ چوڭقۇرلۇقى 11 كىلومېتىر دەپ كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، خىتاي «خەلق تورى» دا خىتاي يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزىدىن نەقىل ئېلىپ يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 9 كىلومېتىر، تەۋرەش دەرىجىسى 4 بال، دەپ خەۋەر قىلىندى.
ھازىرچە مەزكۇر تەۋرەشنىڭ يەرلىك ئاھالىلەرگە قانچىلىك دەخلى يەتكۈزگەنلىكى ۋە سالغان زىيانلىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق.