ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يىغىن ئېچىپ، «يېڭى يىپەك يولى» نى قانداق جانلاندۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا، ئافغانىستان، پاكىستان، خىتاي، گېرمانىيە قاتارلىق 25 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەيشەنبە كۈنى نيۇ-يورك شەھىرىدە يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېسىپ ئۆتىدىغان تارىخىي يىپەك يولىنى قانداق جانلاندۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.09.23

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سودا، قاتناش، ئېنېرگىيە ئالاقىسىنى قانداق كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «يىپەك يولى» پىلانى ئافغانىستاننى رايوندىكى قوشنا ئەللەرگە باغلاپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى ئامېرىكا 2014‏-يىلى ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارىي كلىنتون، «ئەگەر بىز رايونغا يېڭى بىر ئىقتىسادى ئۇپۇقنى ئاچمىساق، كېلەچەك ئۇنداق گۈللىنىشلىك بولماسلىقى مۇمكىن» دېگەن. لېكىن بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ يىپەك يولى تۈگۈنىدىكى ئۇيغۇرلارغا بەزى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بەزى جىددىي رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 11‏-ئايدا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى ۋە 12‏-ئايدا گېرمانىيىنىڭ بون شەھىرىدە ئېچىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى يەنە مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

پەيشەنبە كۈنكى يىغىندا ھېلارىي كلىنتون ئەسكەرتىپ، «راستىنى ئېيتقاندا، بۇنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى پوزىتسىيىنى ئۆزگەرتىش، سىياسىي ئىرادىدىكى ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايوندىكى دىكتاتورلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىزچىل سىياسىي ئىرادىنى نامايان قىلالايدىغانلىقى گۇمانلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.