دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پارىژدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016-07-11
Share
duq-5-nowetlik-qurultay-4.jpg د ئۇ ق 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2016-يىلى 11-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Qutluq

11-ئىيۇل فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پارىژدىكى نوۋاتېل مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت ئوندا رەسمىي باشلاندى. قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كوپ ساندا ۋەكىل ئىشتىراك قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 11-ئىيۇلدىن 13-ئىيۇلغىچە ئۈچ كۈن داۋام قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق يېڭىدىن رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلەر ۋە شۇنداقلا ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرىنى سايلايدىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت