ئۇيغۇر ياشلار ئافغانىستان مازارىشېرىپتا ئىشخانا ئاچتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.06.01
ekber-merin.jpg ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلار جامائىتىنىڭ ئىشخانىسى ۋە يېتەكچىسى ئەكبەر مەرىن.
Photo: RFA

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئۆتكەن يىلى ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى ئىككىنچى ئەۋلاد مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلىغان ۋە ئۇلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئافغانىستاندىكى 2‏-ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەكبەر مارىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلار، دەسلەپكى قەدەمدە ياشلار جامائىتى شەكلىدە تەشكىللىنىپ ئۆتكەن ھەپتە مازارىشېرىپتا بىر ئىشخانا ئاچقان.

بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئېچىلىشىنى ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە مىللىي ھەرىكەتكە قېتىلىش سەپىرىدە بېسىلغان بىر قەدەم دەپ تونۇشتۇردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.