گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار بېرلىندا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەرلىك گېرمان ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بېرلىندا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئىيۇن.
د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەرلىك گېرمان ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بېرلىندا ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى ئىيۇن.
RFA/Ekrem

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدىن ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى بىلەن بىرلىكتە يولغا چىقىپ بېرلىنگە كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك گېرمان ۋە تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە بېرلىننىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى.

بۇ قېتىمقى نامايىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى گېرمانىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم نەق مەيداندىن خەۋەر قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ باشقا رەھبەرلىرى شۇنداقلا «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ ۋەكىلى بىلەن «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم پىكىر بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بېرلىنغا نامايىش ئۈچۈنلا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇلار يەنە گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جىددىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە مەلۇمات بەرمەكچى ئىكەن. قۇرۇلتاينىڭ باشقا رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ميۇنخېندىن بېرلىنگە 600 كىلومېتىر يولنى بېسىپ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكىنىڭ چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۇزۇن يولنى بېسىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى. «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» بىلەن «تۈرك ئوچاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىسلىي كۆرۈلمىگەن زىيانكەشلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، غەرب ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە قاراپ تۇرماسلىقىنى چاقىرىق قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت