چەتئەللەردە ئوقۇغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا مەجبۇرىي تەشكىللەنمەكتە

0:00 / 0:00

تۇرپان دائىرىلىرىنىڭ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ياكى ساياھەتكە بارغانلارنى تىزىملاۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنى بىر جايغا توپلاپ «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە تەشكىللەۋاتقانلىقى يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مەلۇم بولغان ئىدى.

بۇ ھەقتە چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن يېڭى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، قايتىپ كەلگەنلەرنى ۋە قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەمدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، كەنتلەردە ئېچىلغان ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا يىغىپ، ئىككى ھەپتە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت «ئۈچ خىل ئۆگىنىش» كە مەجبۇرىي تەشكىللەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىش نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلى باشلىغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىياسىي ھەرىكىتى ھېلىھەم جىددىي داۋام قىلماقتا، بۇ نۇقتا ھەتتا خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدىمۇ ئېنىق خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 8-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئۇيغۇر رايونىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جاي-جايلاردا دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە مەزكۇر يېڭى نىزامنى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ خىل ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق دائىرىلەرنىڭ «مۇقىملىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداقلا خەۋەردىن يەنە، بۇ خىل تەربىيىلەش سىنىپلىرىنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پاش قىلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۈپ خىل مەزمۇن ۋە شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» قانۇنىدىن كېيىن يولغا قويىدىغان يەنە بىر جىددىي قانۇن مىزانى ھېسابلىنىدۇ. رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نىزامى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ قانۇننى ئۆگىنىش بىلەن تەڭ ئاممىنىڭ «سىياسىي تەربىيە» گە تەشكىللىنىپ «قانۇن-تۈزۈمىنى ئۆگىنىش»، «قوش تىل ئۆگىنىش» ۋە «مۇقىملىق ھەققىدىكى بەلگىلىمە ۋە نىزاملارنى ئۆگىنىش» ئېلىپ بارغاندىن سىرت، قىزىل ناخشا-خورلارنى ئېيتىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە بولسا، بۇ خىل ئۆگىنىشلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇقىملىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ۋە ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ ۋەزىيەتنى «بىر يىلدا مۇقىم قىلىش، ئىككى يىلدا تۇراقلاشتۇرۇش، ئۈچ يىلدا مۇكەممەللەشتۈرۈش» تەك ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جايلاردا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىنى جىددىي ۋە سىجىل تەشكىللەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولغاندەك، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غەيرىي رەسمىي يوسۇندا، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە يۇرتىغا قايتىپ تىزىمدىن ئۆتۈش ھەققىدە ھەر خىل تەھدىتلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇنداقلا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار، ئاتا، ئانىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ۋە ياكى تەھدىتلەرگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك قايتىپ كەتكەنلىكى ھەمدە قايتقاندىن كېيىن ھەر خىل قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا ئىدى. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈشىچە، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان بولۇپمۇ تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردىن ئامالسىز يۇرتقا قايتقان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئامانلىق تارماقلىرى تەرىپىدىن بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، يەنە بىر قىسمى يۇرتىدا «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى» غا مەجبۇرىي ئەكىرىپ كېتىلگەن. مىسىردىن بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى ھەتتا بۇ خىل ئۆگىنىشلەرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر پەيتتە، قايتىپ كەلگەنلەرنى ۋە قايتىپ كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاتالمىش«تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى»غا تەشكىللەۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا تېلېفون قىلىپ كۆرگەن بولساقمۇ، تولۇق مەلۇمات ئالالمىدۇق. لوپ ساقچىخانىنىڭ بىر ياردەمچى ساقچىسى بۇ خىل تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىنىڭ ساقچىخانىلاردا ئەمەس، كەنتلەردە ئېچىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ جايدا ئاساسلىق كىملەرگە، نېمىلەر توغرىلىق تەربىيە ئېلىپ بېرىدىغانلىقىغا دائىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، «ھەر قانداق جاينىڭ مەخپىيەتلىكى بار، بۇنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن» دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە چەتئەلگە چىققان ۋە چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا، ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىقلارنى مەجبۇرىي «تەربىيىلەش» ئۈچۈن يىغىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالماقتا ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زور ئىنكاسلار قوزغىماقتا. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار ئىتتىپاق كومىتېتى، سوخۇ، ئۈندىدار سۇپىلىرىدا «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپى زادى قانداق جاي؟» دېگەن تېمىدا مەخسۇس تەشۋىقات ماقالىسى ئېلان قىلىپ تارقىتىشقا باشلىغان.

ئۇنىڭدا، بۇ خىل ئاتالمىش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرىغا تەشكىللەنگەنلەر «دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋان تېررورلۇق ئىدىيىسىدىن يۇقۇملانغان، شۇڭلاشقا ئۇلار بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دائىرىلەر ئىدىيە جەھەتتە كېسەلگە گىرىپتار ئاممىنى ۋاقتىدا داۋالاش ئۈچۈن، ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا تەسىس قىلغان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى ئاممىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ھەقسىز «بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش» پۇرسىتى ئىمىش.

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭمۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن يېقىندا دەرھال قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئاتا‏-ئانىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، ئەمما ئوقۇشىنىڭ تۈگىمىگەنلىكى سەۋەبلىك قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، كەنت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ياغلىق چىگىدىغان ئانىسىنى تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ ئوقۇغۇچى بىزنى، ئانىسىنىڭ 15 كۈن ئاتالمىش تەربىيىلىنىشتىن چىقىپ ئۆزىگە ئەۋەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇرى بىلەن تەمىن ئەتتى. بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن بۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ نام-شەرىپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، گەرچە، بۇ ئانا ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا قانداق رىيازەت چەككەنلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىشقا ئامالسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭ بايانلىرىدىن ئاتالمىش «تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش» سىنىپلىرىنىڭ، ئاممىغا زۇلۇم سېلىشنىڭ يەنە بىر يولى بولۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلارغا ئىنتايىن زور روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جايلاردا كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەربىيىلەپ ئۆزگەرتىش سىنىپلىرى نامىدىكى سىياسەت، تۈزۈملىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ، پۇقرالارنىڭ پاسپورت ئېلىش، ساياھەت قىلىش ھەق-ھوقۇقلىرىغىمۇ ئېغىر دەخلى-تەرز يەتكۈزۈۋاتقان، قانۇنسىز تۇتقۇن شەكلىنى ئالغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى شۇنداقلا «خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش» دەپ كۆرسەتتى.