دالاي لاما رابىيە قادىر خانىمنىڭ سوۋغىتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013.11.19
dalay-lama-doppa.JPG دالاي لاما رابىيە قادىر خانىم سوۋغا قىلغان دوپپا ۋە ئەتلەس شارپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. 2013-يىلى 17-نويابىر، توكيو.
RFA/Qutluq

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ياپونىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولدى. 17-نويابىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «دالاي لاما بىلەن ياپون ئالىملىرىنىڭ بەس-مۇنازىرە سۆھبىتى» مۇراسىمىنىڭ باشلىنىشى ئالدىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشتا، دالاي لاما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەۋەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدىغان دوپپا ۋە ئەتلەس شارپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ توكيودىكى ياپون ئالىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بەس-مۇنازىرە ھەمسۆھبەت مۇراسىمى توكيودىكى ئوكۇرا مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بەس-مۇنازىرە سۆھبىتىگە ياپونىيەدە تونۇلغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست ئاكىرا ئىكېگامى رىياسەتچىلىك قىلدى.

مۇراسىم باشلىنىشتىن ئىلگىرى توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، سۇزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھارۇئو ساجى ئىلىم-پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپونىيە بۇددا دىنىي مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دالاي لامانىڭ ياپونىيەگە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ نۇتۇق سۆزلىدى.

مۇراسىمدا دالاي لاما گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلىپ، ئىلىم-پەن بىلەن بۇددا دىنىنىڭ مۇناسىۋىتى يەنى تىبەت بۇددىزمدىكى ئىلىم-پەن، كائىنات توغرىسىدا ئېيتىلغان تەلىماتلار ئۈستىدە ۋە ئىلگىرى ھىندىستاندا ئۆتكەن بۇددا دىنىي پەيلاسوپلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن غەربىي ئالىملىرىنىڭ بۇددا دىنى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيەلىك ئاسترونومىيە ئالىمى مورىيا ئوكانو، ماتېماتىكا ئالىمى سۇسۇمۇ ساكۇراي قاتارلىقلار تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا دېيىلگەن مەزمۇنلارنىڭ بۇددا دىنى نەزەرىيىسى يەنى بۇددا نوملىرىدا يېزىلغان تەلىماتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا دالاي لاما قىسقىچە قوشۇمچە قىلىپ ئۆتتى. ئەمما دالاي لاما ماتېماتىكا ھەققىدە سۆز قىلغان ماتېماتىكا ئالىمى سۇسۇمۇ ساكۇرايغا جاۋاب بېرىپ ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا ئىلمىدە بەكمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق قوشۇمچە سۆز قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لاما ياپونىيە سۇزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىسى، ياردەمچى پروفېسسور ئاكىكو كاتسۇماتا خانىمنىڭ بالىلار مائارىپى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ خۇشاللىققا مۇھتاجلىقى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات ماقالىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بالىلارغا ئالەمنى، تەڭرىنى چۈشەندۈرۈشتە مائارىپنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

دالاي لاما سۆزىدە ئىنسانلارنىڭ كەمتەر بولۇشىنى، ئىنسانلار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىدە بىر-بىرىگە يېقىنچىلىق، مېھرىبانلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتتە مۇساپە ھاسىل قىلماسلىقىنى بىلدۈردى.

دالاي لامانىڭ ئالىملار بىلەن ئېلىپ بارغان بەس-مۇنازىرە سۆھبىتىگە ئۇيغۇر بۇددىزم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، كانادادا ياشاۋاتقان دوكتور ئارزۇگۈل خانىممۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئارزۇگۈل خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى يۇرىنا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-بۇ قېتىمقى مۇراسىمدىن دالاي لامانىڭ پەن بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەلىماتلىرىنى بىلىۋېلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دالاي لاما، رابىيە قادىرلارنىڭ ياپونىيەدىكى دوكلاتلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

مۇراسىم ئەتىگەن سائەت 9:45 تىن سائەت 12:30 غا قەدەر داۋاملاشتى. بەس-مۇنازىرە سۆھبەت يىغىنىغا ياپون ۋە چەتئەللىكلەردىن بولۇپ،جەمئىي مىڭدىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى.

تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما مۇھاجىرەتتىكى ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن 1983-يىلى تۈركىيە زىيارىتىدە ئۇچرىشىپ ھەمسۆھبەتتە بولغان. ئۇندىن باشقا، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان، قازاقىستاندا ۋاپات بولغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى زىيا سەمىدى 1979-يىلى ھىندىستاننىڭ دارىلسالام شەھىرىگە بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا ئاڭلىتىش ئۈچۈن دالاي لاما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن، دالاي لاما 1980-يىلى موڭغۇلىيە سەپىرىدە ئالماتادا زىيا سەمىدى بىلەن ئۇچراشقان ئىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.