5-نۆۋەتلىك د ئۇ ق خىزمەت دوكلاتى: ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارالىشىپ بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.07.12
dolqun-eysa-5-qurultay.jpg د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 يىللىق خىزمەتىدىن دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى 12-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Erkin Tarim

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلىۋاتقان 5-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن 7-ئاينىڭ 11-كۈنى قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان 4 يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ تۆت يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 14 ماددا بويىچە بەرگەن دوكلاتىدا 4 يىللىق خىزمەت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

14 ماددا تۆۋەندىكىچە:

  1. ھۆكۈمەت ۋە مىللىي پارلامېنتلاردا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر.
  2. خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقلار.
  3. ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئورگانلىرىدىكى پائالىيەتلەر.
  4. ب د ت دا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر.
  5. بايانات ۋە چاقىرىقلار.
  6. مەتبۇئات ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى.
  7. دوكلاتلار.
  8. ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلەن تەربىيەلەش پروگراممىسى.
  9. مۇھاجىرلار خىزمەتلىرى.
  10. مەدەنىيەت مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى خىزمەتلەر.
  11. دىنىي خىزمەتلەر.
  12. ئۇيغۇر ياشلار پائالىيىتى.
  13. ئۇيغۇر ئاياللار پائالىيىتى.
  14. نامايىش ۋە نارازىلىق پائالىيىتى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىر سائەت داۋاملاشقان خىزمەت دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «يۇقىرىدا سىلەرگە تەقدىم قىلغان دوكلاتىمىز، سېپىمىزدا ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئىختىساس ئىگىلىرى، كەسپىي ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىنتايىن ئاز بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي ئىمكانلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشىدەك قېيىن شارائىت ئىچىدە د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ زور پىداكارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىلىنىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ مىللىي داۋايىمىزنىڭ ئېھتىياجى خەلقىمىزنىڭ كۈتكەنلىرىدىن زور ئۇزاقتا ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت. ئەمما كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تىرىشچانلىقى، خەلقىمىزنىڭ زور بەدەل تۆلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسى خەلقئارالاشتى دېسەك بولىدۇ.»

7-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى خىزمەت دوكلات بېرىش قىسمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسلەر ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆزگە چىقىپ، خىزمەت دوكلاتىدا كەم قالغان جايلارنى تولۇقلاپ ئۆتتى.

بىز خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، بەزى رەھبەرلەر ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.