د ئۇ ق ياۋروپا بىرلىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ھەيئەتلىرىنى تەبرىكلىدى
2014.06.05

ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن مۇھىم بىر سىياسىي سەھنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي سايلىمى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا قۇرۇلتاي نامىدىن تەبرىك مەكتۇپى يوللاپ، ياۋروپا بىرلىكى يېڭى رەھبەرلىرىنى قۇتلۇقلىغان ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە مەخسۇس زىيارەت ئورۇنلاشتۇرغان.
د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى 5-ئاينىڭ 25-كۈنلىرى تاماملانغان ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئومۇمىي سايلىمىدىن كېيىنلا قۇرۇلتاي نامىدىن تەبرىك مەكتۇپى يوللاپ، ياۋروپا كومىسسىيونى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن يېڭى رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىنى ئۇيغۇرلار نامىدىن مۇبارەكلىگەن ھەمدە ئالدىمىزدىكى ھەپتىگە مەخسۇس زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى رەھبەرلەر بىلەن يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشنى كۈنتەرتىپكە قويغان.
ئەنىۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىرقانچە قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ياۋروپا پارلامېنتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ناتونۇش تېما ئەمەس. ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن ئىلگىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چېقىلىشىغا قارشى خىتاينى ئاگاھلاندۇرىدىغان قارارلارمۇ قوبۇل قىلىنغان. ئەنىۋەرجان ئەپەندى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىدىكى ئەھمىيىتى توغرىلىق قاراشلىرىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپا بىرلىكىگە ياخشى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، ئۆزىنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ياۋروپا بىرلىكىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارەتلىرى ھەققىدە توختالدى.