د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2013.04.11
د ئۇق تۈركىيە پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك ئۇيغۇر ھەيئەت 4-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئەمىنە ئۈلكەر تارقان خانىملار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا 14 نەپەر ئايال پارلامېنت ئەزاسىنى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلىدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا رەسمىي تەكلىپ قىلدى.
2013-يىلىنى خىتايدا تۈرك مەدەنىيەت يىلى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن ھەر ساھەدىن تۈركلەرنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ خىتاينى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرماقتا. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك مەدەنىيەت يىلىنى باھانە قىلىپ، تۈركلەرگە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
بۇ ئىككى كۈنلۈك پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.