ياپونىيە باش ۋەزىرى ياردەمچىسى بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۆھبەتتە بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.02.16
seyit-tumturk-shinzo-abe-yardemchi-eto-seyji.jpg د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېيجى ئەپەندى بىلەن. 2017-يىلى 15-فېۋرال، توكيو.
RFA/Qutluq

11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق ھەيئىتى 15-فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە دوكلات بېرىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

پائالىيەتتىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېيجى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.

بۇ قېتىمى سۆھبەتكە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.

مەزكۇر سۆھبەتتىن كېيىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد خەمىت ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىملار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.