د ئۇ ق ھەيئىتى ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى ھىروشى يامادا بىلەن كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەي'ئەت ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 4-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، لىبېراللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ھىروشى يامادا ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەييارلىغان مەخسۇس دوكلاتى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان تەلەپ خېتىنى سۇنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۈگۈن ياپونىيە پارلامېنتىدا بولۇپ ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، يامادا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى باشقا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، شۇنداقلا د ئۇ ق نىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنى ئۇلارغا تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ زىيارەتتە بولغانلىقىنى ۋە 4-ئاينىڭ 4-كۈنىمۇ توكيو مەتبۇئات مەركىزىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى 2008-يىلىدىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى دېگۈدەك ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە، ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ھىروشى يامادا ئەپەندى بىلەن بولغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ بۇرۇنقى ئۇچرىشىشلار بىلەن ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى ھىروشى يامادا ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇچرىشىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ئەزاسى كوتارو مىئۇرا ئەپەندى ئۇچرىشىشلاردا زور ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ياپونىيەگە كېلىشى بىلەن ياخشى پائالىيەتلەر بولدى. بىز كۆرۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى دېدى، مەنچە بۇ زور ئىلگىرىلەش».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدە نۇقتىلىق ھالدا سىياسەتچىلەر ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.