د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
2016.05.11
24-مايدىن باشلاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيەدە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ياپونىيەنىڭ توكيو، ئوساكا، كيوتو ۋە سەنداي قاتارلىق شەھەرلىرىدە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ياپونىيەدە دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن ياپونىيە قۇرۇلتىيى، كۇرىتاكې ئاسىيا مۇنبىرى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ ھەمكارلاشقان.
رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەرنىڭ توكيودىكى پائالىيەتلىرىگە ھەمراھ بولىدىغان ياپونىيە تاكۇشوكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور فۇجى گېنكى ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ:«بۇ قېتىمقى دوكلات سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا، ئاساسلىقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى، يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە دوكلات سۆزلەش، بولۇپمۇ يېقىندا ھىندونېزىيەدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىش مەقسەت قىلىنغان» دېدى.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور فۇجى گېنكى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ توكيودىكى بىر قىسىم ئۇچرىشىشلاردا شىنزو ئابې ھۆكۈمىتىدىكى مۇھىم بەزىبىر ئەربابلار بىلەن نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەردە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى خالىمىدى.
پروفېسسور فۇجى گېنكى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تولىمۇ زور دەپ قارايمەن. چۈنكى، ياپونىيە ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى دەرھال ئۆزىگە قوبۇل قىلالمىسىمۇ، بىراق ھەر خىل دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۇلارغا تۈرلۈك ياردەملەردە بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىگە يېقىندىن ياردەم بولغان ياپونىيەدىكى تارىخىي ئۇزۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كۇرىتاكې ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ رەئىس ياردەمچىسى ھىروسې ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تەشكىلاتىمىز تارىختىن بۇيان ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى قوللاپ كەلدى.مەسىلەن: تارىختا سۇڭ جۇڭسەننى، ۋىيېتنام ۋە كورېيەدىكى ئىنقىلابچىلارنى قوللىغان» دېدى.
بۇ قېتىمىقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، ئۈمىد ئاگاھى قاتارلىقلارمۇ ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر مائارىپى ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە مەزكۇر تەشكىلات تور بېتىدە خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن، كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ياپونلار كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ۋە قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ 8-ماي توكيوغا يېتىپ كېلىپ بىر ھەپتىلىك ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىغان.
دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ياپونىيەدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشى ياپونىيەدە 26-ماي باشلىنىدىغان تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت يىغىنى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ 27-ماي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ھىروشىما شەھىرىنى زىيارەت قىلىش مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بىر قىسىم ياپونلار تور بەتلىرىدە دالاي لاما بىلەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ زىيارىتىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى ئېھتىمالىققا يېقىن دەپ تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە تەھلىلەرنى ئېلىپ بارغان.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.