د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقات نىشانى بولماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.11.21
dolqun-eysa-yaponiye-axbarat-yighini-4.jpg ياپونىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ياپون خەلقىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش» پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 20-نويابىر، توكيو.
RFA/Ekrem

ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەركەزلەشمەكتە.

19-نويابىر ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 20-نويابىر ياپونىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان دولقۇن ئەيسانىڭ پىكىرلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەھمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-نويابىر كەچتە يەنە ياپونىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ياپون خەلقىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش» پائالىيىتى بولۇپ ئۆتكەن. پائالىيەتكە كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرلۈك سوئاللارنى سوراشقان. بۇ پائالىيەتنىڭ خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

بۈگۈن، يەنى 21-نويابىر كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ياپونىيەدىكى مەشھۇر تاراتقۇلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ئاڭلاتقان. ئىلھام مەھمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ياپونىيە سىياسەتچىلىرى ۋە ئوبزورچىلىرى قىزىقىدىغان بۈگۈنكى بۇ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ ياپونىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاش مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن يەنە ياپونىيە خەلقىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. يىغىندا ياپونىيە خەلقىنىڭ سەپەرۋەرلىككە كېلىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە قىستاش تەلەپ قىلىنغان.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بۇ 2 كۈن ئىچىدىكى پائالىيەتلىرى ياپونىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقىلىپلا قالماي، تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دىققەت چەككۈچى بىر تېما سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى توغرىسىدا توختالغاندا ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى ۋە ياپونىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياپونىيەدە يەنە بەزى مۇھىم سىياسىي ھەم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. ياپونىيەنىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ياپونىيەدىمۇ قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.