د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى.
3-سېنتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ خەلقئارادا قىزىق تېما بولۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۈگۈن 4-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ياۋروپا پارلامېنتىدا 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى بىلەن جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەلچىلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خادىملىرى بىلەن ھەمدە بىريۇسسېلدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىپ، خىتايغا ئۈنۈملۈك رەۋىشتە بېسىم ئىشلىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا يەنە، بېلگىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەنمۇ مەخسۇس ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل 11-ئايدا ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىلىق بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئامېرىكا ۋە ب د ت دا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلگەن بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ پائال ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۈنۈملۈك قارار چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا ياۋروپا كومىسسىيونى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «دۇنيادىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكلىرى» دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى تەھدىتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىللىرى ۋە بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئىچكى ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزىدىكەن.
0:00 / 0:00