د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى ھەرىكەتلەندۈرمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.01.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dolqun-eysa-Tomas-zhikowskiy.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا(ئوڭدا)، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» رەئىسى ئەنۋەرجان(سولدا) ئەپەندىلەر ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى خادىمى لۇسىيا پاررۇچى خانىم ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى توماس ژىكوۋسكىي ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2019-يىلى 9-يانۋار، بىريۇسسېل، بېلگىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جازا لاگېرلىرىغا قارشى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەكتە.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىلەرنىڭ 8-يانۋار باشلانغان ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا بۈگۈن ئۇلار يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلار ياۋروپا پارلامېنتتىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرىغا قارشى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ بەزى ئەزالىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات كۆرسىتىشكە ياردەم قىلماقچى بولغان.

«ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى» (UNPO) نىڭ خادىمى لۇسىيە خانىممۇ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى بۇ ئۇچرىشىشلاردا قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىگە ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىي تېمىسىنىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا پارلامېنتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق 15 ماددىلىق بىر قارارنى قوبۇل قىلغان. بۇ ئۆتكەن يىلقى ئىش. بۇ يىلمۇ ياۋروپا پارلامېنتىدىن مۇشۇنداق ئىجابىي نەتىجىلەرنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. مۇشۇ مەقسەتتە دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بۈگۈن د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلىرىنى زىيارەت قىلىپ، جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردۇق. بۇنىڭ نەتىجىسىنى كېيىن كۆرىمىز.»

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، 2019-يىلى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۆلىمى زور ھەرىكەتلەرنى قوزغاشنىڭ د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم پىلانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» 2017-يىلى 19-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا 10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۈنتەرتىپكە كېلىشىدە زور رول ئوينىغان. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار پائال ھەرىكەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. نەتىجىدە ئۆتكەن يىلى 27-ئىيۇن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بۇلغارىيە ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىنلا 18-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىدا يەنە ئاۋسترىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن 2-قېتىم جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆتكەن يىلى 4-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى سىتراسبۇرگدا چاقىرىلغان 700 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى قاتناشقان ئومۇمىي يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت 15 ماددىلىق بىر قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.