دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىردى

0:00 / 0:00

2014-يىلىنىڭ كىرىشى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2014-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىردى.

26-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 10 دا باشلانغان يىغىنغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى، باش كاتىپ، ھەرقايسى كومىتېت مەسئۇللىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى قاتناشتى. تېلېفون يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇيۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلىرى، 3-ئايدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش، 4-ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزمەكچى بولغان «ئۇيغۇر ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش كۇرسى» ۋە 5-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلماقچى بولغان «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دىنىي بېسىمى: سەۋەبلەر، پاجىئەلەر ۋە ئاقىۋەتلەر» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2014-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بۇ يىلدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز داۋاسىغا ئىگە چىقىشى ۋە د ئۇ ق نى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.