ئەركىن ئەكرەم: يېڭى خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىش ئېھتىمالى بار
2013.03.28
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىندا 60 ئەتراپىدا ئىلمىي ماقالە سۇنۇلغان ئىدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ناملىق ماقالىسى كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتتى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ماقالىسىدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي يېڭى رەھبەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تەھلىل ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۈچ تاللاش يولىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايغا خاس دېموكراتىيە يولىنى تاللاش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇنىڭ نۇتقىدىن ئارىيىلەر ئاڭلىغايسىلەر.