ئەخمەتجان ئوسمان: شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىرلىكتە يول تېپىشىمىز كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2014.09.05
sherqiy-turkistan-dewasining-kelgusi-exmetjan-osman.jpg كانادادىكى شەرق تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان ئوسمان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا كەلگەن مېھمانلار بىلەن. 2014-يىلى 4-سېنتەبىر، كانادا.
RFA

كانادادا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەزكۇر دەۋا تەقدىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلارنى مىللىي كىملىك تۇيغۇسىدا يېتىلدۈرۈشكە باغلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرىسى سۈرۈلدى.

بۇ سۆزلەرنى مەزكۇر يىغىن ئۈچۈن كاناداغا كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشى مۇراسىمدا كانادادىكى شەرق تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەخمەتجان ئوسمان يەنە مەزكۇر يىغىننىڭ ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ماسلىشىش ۋە بىرلىكتە يول تېپىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىننى كانادادىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىي تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىن يەكشەنبە كۆنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.