4-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە گ-20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدۇ.
دۆلەت رەئىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئەپەندىنىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى ئەنقەرە شەھىرىگە جايلاشقان بەشتەپەدىكى رەئىس جۇمھۇرى ئوردىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىدىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەخسۇس خەت يېزىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانا تىلنى ۋە دىننى چەكلەش سىياسىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن يازما ۋە ئاغزاكى ھالدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۈركىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ شوئارى قەيەردە ئېزىلگەن مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەگەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى چوڭ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يازغان خېتىدە : «ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىرەر تەدبىر ئېلىنغان-ئېلىنمىغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشىغا، دىنى ئىبادەت ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە خىتاينى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىش»دېگەن بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ مەسىلە تۈركىيە-خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا دائىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.
تۈركىيە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتە ئېغىر ۋەزىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان نۆۋەتتىكى بۇنداق بىر پەيتتە، ئەردوغان-شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە كېلەرمۇ؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى، خىتاي تەرەپنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىشى، ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە دۆلەت رەئىس مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ قېتىم خاڭجۇدا گ-20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت يەنە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياۋروپا بىرلىكى رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئىبراھىم قالىننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن «سۈرىيە مەسىلىسى»، «فەتھۇللاھ گۈلەن تېررور تەشكىلاتى» مەسىلىسى، «پ ك ك تېررور تەشكىلاتى» مەسىلىسى ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىدىكەن. بىراق، ئىبراھىم قالىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدە كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.