ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن داۋامىدا قەيسەر ئانا-پاتىگۈل غۇلام يەنە نەزەربەند قىلىندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
patigul-ghulam.jpg غايىبلاردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام.
RFA

ئۈرۈمچىدە دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئېچىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11-نۆۋەتلىك، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 12-نۆۋەتلىك ئىككىنچى ئومۇمىي يىغىنلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدا بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن تەھدىت دەپ قارالغان كىشىلەر يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەقىب ۋە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىندى.

مانا بۇلاردىن بىرى، غايىب ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش جەريانىدا بىر قېتىم 7 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان ۋە كۆپ قېتىملاپ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلارچە سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما يولىدىن يانمىغان قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلامدۇر. ئۇ بۈگۈنمۇ يەنە نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇقلۇق خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى زوراۋانلىقلىرىنى رادىئومىزغا پاش قىلدى ۋە شىكايەت قىلدى.

پاتىگۈل خانىم ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن بىرقانچە كۈن ئاۋۋال، يىغىن مەيدانىغا بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان؛ ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش دەردمەن ئانىلاردىن ئايپاش، تۇقىز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىككى يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئورۇندىكى ئەرزىيەت بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا بارغان. ئۇلار ئەرزىيەت بۆلۈمىدە ئەرزىيەت خادىملىرىنى ئۇچراتمىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدا قەشقەردىن كەلگەن 20-30 چە ئەرزدارلارنى ئۇچراتقان. بۇلار ئاساسەن يەر-زېمىن داۋاسى بىلەن ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلارمۇ ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرىگە دەردىنى ئېيتىۋېلىش ۋە ياكى ئەرزىيەت خادىملىرىغا شىكايەت قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ توسۇشى بىلەن يىغىن مەيدانىغا يېقىنلىشالمىغان ئەرزدارلار بىر-بىرىگە دەرد ئېيتىشقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆكۈپ شىكايەت قىلىشقان.

پاتىگۈل خانىم سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەم ئاغرىق سەۋەبى، ھەم قورۇدىكى ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە ئۆي ئىچىگە كىرىپ يەنە تەھدىت سېلىشى سەۋەبلىك ئۆيدىن سىرتقا چىقالمىغان. پاتىگۈل خانىم ئۆزىگە تەھدىت سالغان ساقچىلارغا بۇرۇنقىدەكلا ئاچچىق تىللار بىلەن دەككە بېرىپ، ئۇلارنى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغان.

ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.