د ئۇ ق رەھبەرلىرى غەرب دىپلوماتلىرى بىلەن ئىپتاردا بىرگە بولدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ميۇنخېن شەھىرىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى بۇ يىللىق رامزان كىرگەندىن بۇيان چەتئەل دىپلوماتلىرىنىڭ ئىپتارلىق زىياپەتلىرىگە داخىل بولۇپ ۋە ئۇلارنى ئىپتارغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق رامزان كىرگەندىن بۇيان د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى دىپلوماتلىرىنىڭ ئىپتارلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ھەمدە ئۇلارنى ئۇيغۇرلار نامىدىن ئىپتارغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەل دىپلوماتلىرىنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشكەن. غەرب ئەللىرى رەسمىي دۆلەت خادىملىرى بىلەن بولغان بۇ ئۇچرىشىشلار سىياسىي دەۋا نۇقتىسىدىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھادىسە ھېسابلىنىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، د ئۇ ق نامىدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا كونسۇلى ۋېليام ئەپەندىگە بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە داخىل بولغان سورۇندا، ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا تارىختىن بېرى شەكىللەنگەن رەسمىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھازىرقى مۇناسىۋەتلەر توغرىلىق توختىلىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ ئىپتار پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ غەرب دىپلوماتلىرى بىلەن بولغان بۇ خىل مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى مىللىي دەۋاسىغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.