غورۇچۆلدە تۆت ھۇجۇمچى تېنىگە بومبا تېڭىپ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.06.19
toppa-yaghliq-saqal-ramzan.jpg خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ساقچى دائىرىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان، ئاۋات ناھىيىسى ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە كىرگەن، بولۇپمۇ روپاشلىق ئاياللار ئاختۇرۇش تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئاقسۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ سىياسىي ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى جىددىيلىك ئىگىلىگەن. ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش، ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كوچىدا چارلاشقا ساقچىلار كۆپەيتىلگەن. پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىدارە ئورگانلىرىغا كىرىپ-چىقىشى تەسلەشكەن. بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتچىلىكتە ئولتۇرۇۋاتقان خادىم، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ نېمە ۋەقە يۈز بەرگىنىنى بىلمەيدىغانلىقى، ئەمما بىردىنلا تۈزۈملەرنىڭ چىڭلاپ 24 سائەت چارلاش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش تۈزۈملىرى يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر بولسا ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىكى بۇ جىددىيلىكنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر ساقچى ئاغىنىسىدىن ئاڭلىغان ئۇچۇرلارنى ئېيتتى، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن ئون-يىگىرمە كۈن ئاۋۋال ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسى غورۇچۆل يېزىسىدا ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، تېنىگە بومبا تاڭغان ئۈچ ئەر ۋە بىر روپاشلىق ئايال يېزىلىق ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان. دەسلەپ ئۇلار ساقچىلارغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە بىر مەھەل تىركەشكەندىن كېيىن ئۈچ ئەر ھۇجۇمچى ساقچىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ تەڭ پارتلاپ ئۆلگەن، ئايال ھۇجۇمچى قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار نۆۋەتتە تەرەپ-تەرەپنى ئاختۇرۇپ تىرىك قاچقان بۇ ئايالنى ئىزدەۋاتقان ئىكەن.

مەزكۇر يىپ ئۇچىغا ئاساسەن غورۇچۆل يېزىسىدىكى ساقچى پونكىتى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا كۆپ قېتىم تېلېفون ئاچقان بولساقمۇ، تېلېفون لىنىيىسىدە كاشىلا بارلىقى ئەسكەرتىلىپ تۇردى، ئاخىرى يېزىدىكى مەلۇم بىر ئايال كادىرنىڭ ئۆيىگە تېلېفون ئۇلىدۇق، ئەمما ئۇ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، كۆزەتچى خادىم بارلىق كادىرلار نىڭ غورۇچۆلگە جىددىي خىزمەتكە چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن، ئۇ جايدا چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەردى دەپ قىياس قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇۋاتقان بولغاچقا زادى قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن ئاۋاتلىق يىگىتنىڭ بايانىغا قارىغاندا، يېقىنقى بىر ئىككى ئايدىن بۇيان ئاقسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ساقچىخانىلار ئالاھىدە قوغداش تەدبىرلىرى ئالغان. ساقچىخانىغا كىرىپ-چىققۇچىلار تىزىملىنىپ، كىملىكى تەكشۈرۈلگەندىن باشقا ھەتتا ئۇلارنىڭ بارماق ئىزلىرىنى ئېلىش زۆرۈر تەدبىرگە ئايلانغان. بۇ ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ ئىش بېجىرىشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىلارنىڭ قولىدا ھېچنېمە يوق ئادەتتىكى پۇقرالاردىن ئېھتىيات قىلىپ بۇنچە ئالاھىدە قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئېلىشى راھەتسىز بىر كەيپىيات ياراتقان.

غورۇچۆلنىڭ تېلېفون لىنىيىسىدىكى كاشىلا سەۋەبلىك مەزكۇر بومبا تېڭىپ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قانچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ۋەقەلىك جەريانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق، مۇخبىرلىرىمىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىشقا داۋاملىق تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.