گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىدە يېڭى رەھبەرلەر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.12.16
gollandiye-uyghur-saylam-2.jpg gollandiye-uyghur-saylam-2.jpg
Photo: RFA

15‏-دېكابىر گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ يېغىن زالىدا سايلام پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭى رەھبەرلەر ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. ئۇلار خېلىدىن بېرى تور يۈزىدە ئېلان بېرىپ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېگىشلىك ۋەزىپىلەرگە نامزات قىلىپ كۆرسەتسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەزكۇر چاقىرىققا ئاساسەن باش رەئىسلىككە ئۆزلىرىنى تەۋسىيە قىلغان ئۈچ نامزاتتىن ئىككىسى، يەنى بەختىيار ناسىر ۋە زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندىلەر «ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىنىڭ رەئىس بولۇشىنى مۇۋاپىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نامزاتلىقتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش رەئىسى بولدى. تۇرسۇنجان ئەمەت ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىس، ئېلشات ئىسلام ئەپەندى باش كاتىپ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا تەشۋىقات، مالىيە ۋە مۇپەتتىش قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ مۇۋاپىق، دەپ قارالغان شەخسلەر سايلىنىپ چىقتى. كۆپچىلىك بىردەك قول كۆتۈرۈپ بۇ سايلامدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان پىداكارلارنىڭ ھىممىتىنى تەبرىكلىدى.

پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە دىنىي ئىشلار رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن كېلىپ، نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك سالاھىيىتىدە قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا گوللاندىيە تۈرك فېدېراتسىيەسىنىڭ ئامستېردام بۆلۈمىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇرات گېدىك ئەپەندىلەرمۇ كەلدى.

پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى 14 دە باشلىنىپ، 16 دە ئاخىرلاشتى. پائالىيەتتە يەنە گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ۋە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەسئۇللىرى بۇندىن كېيىنكى تىرىشچانلىقلىرى بىلەن دەۋا ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش رەئىسلىككە سايلانغان ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى سۆز قىلىپ: ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەرنى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن، دېدى.

پائالىيەتتە يەنە يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەسئۇللاردىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە باشقا ئاكتىپلارمۇ سۆز قىلدى. كېيىن كۆپچىلىك بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى ۋە بۇ قېتىملىق ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ياشلارغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئايلىق ياردەم سەپەرۋەرلىكىگە ئاۋاز قوشتى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ۋەتەنداشلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىگە ھەمراھ بولۇپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.