گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋەكىللىرى پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېل بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.03.11
gollandiye-uyghur-birliki-wekilliri-parlament-ezasi.jpg گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ۋەكىللىرى پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېل(ئوتتۇرىدا) بىلەن كۆرۈشتى. 2015-يىلى مارت، گوللاندىيە.
RFA/Pida’iy

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى 9‏-مارت دۈشەنبە كۈنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى دەنھاخ شەھىرىدە گوللاندىيە س پ پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.

پارلامېنت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ ۋەكىللىرى پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بەختىيار ناسىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار س پ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېل قاتارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ماتېرىياللار سۇنغان ۋە بۇندىن كېيىنكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن. تۇرسۇنجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېلغا سۇنۇلغان ماتېرىياللاردا 2014‏-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەكەن قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان 2014‏-يىللىق دوكلاتلار يەر ئالغان.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي ئەپەندى، پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېل ئەپەندىگە، ئۆتكەن يىللاردا ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا 2014‏-يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۆتكەن يىللاردىكىدىنمۇ ئېغىر بولغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم بىلەن ئىلھام توختى ئەپەندىلەرنىڭ خەلقئارالىق قانۇنىي يوللار بىلەن ئازاد قىلىنىشى ھەققىدىمۇ تەكلىپ سۇنغان.

سادىقجان سەلەي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خاررىي فان بوممېل ئەپەندى تاپشۇرۇپ ئالغان دوكلاتلارنى گوللاندىيە پارلامېنتى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، گوللاندىيەدىكى ئىلتىجا ئىشلىرى رەت قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن قارارنىڭ توغرا بولماي كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ دوكلات سۇنۇلغان.

پارلامېنت ئەزاسى خاررىي فان بوممېل ئەپەندى ئىلگىرى « ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى» نى قۇرۇپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزى باش بولۇپ كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلغان ئىدى. ئۇ ھازىر گوللاندىيە س پ پارتىيىسىنىڭ غوللۇق رەھبىرى، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۆزچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. ئۇ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر پارلامېنت ئەزاسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.