د ئۇ ق «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا
2019.02.21
«شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» تۈرك ۋە باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى باش شىتابى بولىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى 19-فېۋرالدىن ئېتىبارەن مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغان.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر 19-فېۋرال كۈنى كۆلن شەھىرىدىكى «ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، 20-فېۋرال كۈنى يەنە «نىزامى ئالەم» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇش ئىشىدا ئۇلار بىلەن پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن.
گېرمانىيەنىڭ ستۇتگارت شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپادا كۆپلىگەن تارماق تەشكىلاتلىرى بولغان، ئۆزلىرىنى «ئالپئەرەنلەر» دەپ ئاتايدىغان «نىزامى ئالەم» تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىدە مۇھسىن يازۇچىئوغلى قۇرغان تۈركىيەدىكى «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» نىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى، مەرھۇم مۇھسىن يازۇچىئوغلىنىڭ ئۆز زامانىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئاكتىپ قوللىغان بىر پارلامېنت ئەزاسى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
قۇرۇلتاي رەئىسى بىلەن بىرگە بۇ سۆھبەتلەرگە داخىل بولغان د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەت ھەققىدە توختالغاندا ئۇيغۇرلارنى قوللاش، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنى نىشان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇشنىڭ ئاساسىي مەقسەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى سۆزىدە ياۋروپادىكى بارلىق ئىسلامىي تەشكىلاتلارنى قوزغاپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، جازا لاگېرلىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ جىددىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بولسا «نىزامى ئالەم» تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملىق ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ كۆلىمى زور پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇندىن بىرقانچە ھەپتىلەر ئىلگىرى د ئۇ ق رەئىسى ئەنگلىيەدىكى «بىرىتانىيە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» قاتارلىق ئەرەب تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى» قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى قۇرۇلغۇسى بۇ مۇنبەرگە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى، ياۋروپا، ئامېرىكا ھەم ئاۋسترالىيەدىكى تۈرك، ئەرەب ۋە باشقا ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئەزا بولىدىكەن. بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغان تەشكىلاتلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.