د ئۇ ق «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى يولغا قويىدۇ

0:00 / 0:00

د ئۇ ق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» نى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 8-ماي تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق مەركىزى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى يولغا قويىدىكەن.

بۇ پائالىيەت 5-ئاينىڭ 15-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. تەرەپسىز خادىملارنىڭ باھالىشى بىلەن، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىقتىسادىي سوممىسى مۇشۇ يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى، يەنى 1933-قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تارقىتىلىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا ئۇنىڭ ئىجابىي ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى ھەمدە مۇكاپات سوممىسىنى ۋەتەنپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» 3 دەرىجە بويىچە باھالىنىدىكەن. 10 كىشىلىكتىن ئارتۇق گۇرۇپپا ھالىتىدە ياكى بىر ئائىلە ھالىتىدە ۋە ياكى ئايرىم بىر شەخس ھالىتىدە ئىستىقلال مارشىنى ئەڭ ياخشى دېكلاماتسىيە قىلغان، سەنئەتلىك شەكىللەردە ئەڭ ياخشى ئىپادە قىلغان كوللېكتىپ ياكى شەخسلەر ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ ئىقتىسادىي، مەنىۋى مۇكاپاتلار بىلەن تارتۇقلىنىدىكەن. مۇكاپات سوممىسى تۆۋەن دېگەندە مىڭ ياۋرودىن چۈشۈپ كەتمەيدىكەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى يۈكسەلتىشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىنمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى»نى يولغا قويۇش ھەققىدە پات ئارىدا رەسمىي يازما ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىدىكەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشى تەشەببۇس قىلىنىدىكەن.