خىتاينىڭ سابىق ئالاھىدە خادىمى يۈسۈپجان ئەمەت: «ئۇچۇر بېرىۋاتقىنىمدا تومۇرۇمدىن قان سۇغۇرۇلغاندەك ئازابلاندىم»
2019.02.06
«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى بىر مەخسۇس خەۋىرىدە ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ئۈچۈن ئۇچۇر يەتكۈزۈپ مەخپىي خىزمەت قىلغان يۈسۈپجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى پاش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىندى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان يۈسۈپجان ئەمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت داۋامىدا يۈسۈپجان ئۆزىنىڭ ئىلگىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ۋە جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، ئاخىرى خىتاي زۇلۇمىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش ئارقىلىق چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئۆزىگە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ «ئالاھىدە خادىم» دەپ نام بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان يۈسۈپجان خىتايغا ھەر قېتىم ئۇچۇر يەتكۈزگەندە «تومۇرىدىن قان سۇغۇرۇلغاندەك ئازابلانغانلىقى» نى تىلغا ئالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ يۈسۈپجان ئەمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىلەر.