ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى يىغىن زالىدا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.11.10
jenubiy-mongghuliye-qurultiyi-1.jpg جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاش يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت(ئوڭدىن بىرىنچى). 2016-يىلى نويابىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈن توكيوغا جەم بولۇپ،ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى يىغىن زالىدا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاش يىغىنى چاقىرىش ئالدىدا، پالاتا بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خىتاي ئىشلەمچىلىرى توپلىشىپ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىغا قارشىلىق بىلدۈردى.

قوللىرىدا: «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمىز»، «مۇستەقىلچىلەرنىڭ يىغىن چاقىرىپ خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشىغا قارشىلىق بىلدۈرىمىز» دېگەندەك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن 50 گە يېقىن خىتاي نامايىشچى سۈكۈت ھالەتتە تۇرۇپ يىغىنغا قارشىلىق بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، بىراق نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان نامايىش تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى «سىلەرنىڭ نامايىش ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتىڭلار نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ:«بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، بىزنىڭ خىزمىتىمىزگە ۋە تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزلۈكىمىزدىن تەشكىللىنىپ بۇ نامايىشنى ئېلىپ باردۇق» دېدى.

توكيودىكى ياپون تىلى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان خىتاي قىزى نامايىشقا قاتنىشىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ:«ياپون-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن نامايىشقا ئىشتىراك قىلدىم» دېدى.

نامايىشچى خىتايلارنىڭ بەزىلىرى زىيارىتىمىز جەريانىدا: «خوڭكوڭ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش بىزنىڭ مەقسىتىمىز» دېدى. بىراق، نامايىشچى خىتايلار بىزنىڭ: «نامايىشنى توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەشكىللىدىمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى بىناسى دەرۋازىسى ئالدىدا خىتايلار نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە، پالاتا بىناسىنىڭ يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى.

يىغىندا ئالدى بىلەن جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى دايچىن ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ھەر قايسى ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىش ۋە مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈپ جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى،

دايچىن يەنە ئەركىن، دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىپ قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلام چىققانلىقىنى بىلدۈردى ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىكىگە گېرمانىيەدىن كەلگەن تىمۇچى رېتو، ياپونىيەدىن جەرغىل، ئۇرگىنلەر مۇئاۋىن رەئىسلىككە، دايچىن باش كاتىپلىققا، ئارچا مۇئاۋىن باش كاتىپلىققا سايلانغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ رەھبەرلىك سايلىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم ۋەكىللەر سۆزگە چىقىپ قۇرۇلتاينىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

سابىق ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى مىياكى تەبرىك سۆز قىلىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ، چەتئەللەردىكى موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدىكى تارىخىي بىر بۆسۈش بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «موڭغۇللار گەرچە ئۆز ۋەتىنىدە يىغىن چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈنكى يىغىننى چاقىرىپ دۇنياغا جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى» دېدى.

ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئاسىيا ئەركىنلىك، دېموكراتىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تىبەتلىك پىما گارپۇر سۆز قىلىپ، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى: «1990-يىلى توكيودا خەلقئارا تىبەت مەسىلىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىپ شۇندىن بۇيان، تىبەت مەسىلىسى ياپونىيەگە تونۇلۇشقا باشلىدى. توكيودا 2008-يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، 2012-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ياپونىيەگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇلدى. مانا بۈگۈن جەنۇبىي موڭغۇل قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. بۇندىن كېيىن موڭغۇل مەسىلىسى ياپونىيەگە رەسمىي ئاڭلىتىلىشقا باشلايدۇ. تىبەت،ئۇيغۇر، موڭغۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىز ئېغىر بولسىمۇ، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىمىز پارلاق» دېدى.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتلىرىدىن شياڭ لىن ئامېرىكىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋېي جىڭشىڭنىڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللار كېلىڭلار، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۇرايلى» دېدى.

تەيۋەن قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لى تەبرىك سۆز قىلىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، بۇندىن كېيىن تەيۋەندە موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى كەڭ ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ تەيۋەندە كۆپرەك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى يىغىن جەريانىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋازلىق تەبرىك سۆزىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.

يىغىن جەريانىدا ئامېرىكىدىكى پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى، گېرمانىيە، گوللاندىيە، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىن كەلگەن خىتاي دېموكراتلىرى ۋە شۇنداقلا موڭغۇلىيەدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن تەبرىك سۆزى قىلدى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت قۇرۇلتاي ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.