جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايى پاكىتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى
2013.12.06
جۇ يۇڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى جىنايى پاكىتلارمۇ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇ يۈڭكاڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە، ئىلگىرىكى ئايالىنى ئاپتوموبىل سوقۇلۇش ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر پاكىتلار ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ بىۋاستە پىلانلىشى بىلەن پەيدا قىلىنغان شى جىڭپىڭنى ئىككى قېتىم قەستلەش ۋەقەسى قاتارلىقلار، جۇ يۈڭكاڭنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىدىنمۇ ئېغىر بولغان جىنايى پاكىتلىرى سۈپىتىدە چەتئەللەردىكى خىتاي تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرى 5 - ،6 - دېكابىر كۈنلىرى جۇ يۈڭكاڭ ئائىلىسىدىكى يەنە باشقا ئەزالارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت تېخىمۇ جىق پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بوشۈن تورىنىڭ 6 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 5 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن بىخەتەرلىك ساقچىلىرى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىككى ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنى ئۇلارنىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە ئىشلەۋاتقان شىركىتىدىن ئېلىپ كەتكەن. خەۋەردە يېزىلىشىچە، بۇ جۇ يۈڭكاڭ ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ئايالى 1 - دېكابىر كۈنى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە جۇ جەمەتى ئائىلىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى بولۇپ، بىخەتەرلىك خادىملىرى يەنە جۇ جەمەتىنىڭ شىركىتىدىن نەچچە مىليون قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە پۇل چېكىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن.
جۇ يۈڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى جىنايى پاكىتلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت پاكىتلارنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چەتئەللەردىكى خىتاي تور بېكەتلىرىدە جۇ يۈڭكاڭغا ئارتىلغان جىنايى پاكىتلارنى ئاشكارىلىۋەتكەن.
بوشۈن تورىنىڭ 5 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، جۇ يۈڭكاڭنىڭ ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان ئۇنىڭ ئىككى شوپۇرى بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەۋاتقان يېرى غالبىيەت نېفىتلىكىدىن تۇتۇپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى، جۇ يۈڭكاڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولۇپ تۇرغان مەزگىلىدە قول ئاستىدىكى ئەمەلدار گو يۇڭشياڭغا بۇيرۇق قىلىپ، ئاپتوموبىل سۇقۇلۇش ۋەقەسى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا ئاپتوموبىل قازاسىنى پەيدا قىلغان ئىككى نەپەر شوپۇر قوراللىق ساقچىلار بولۇپ، بۇ ئىككەيلەن ۋەقەدىن كېيىن،قولغا ئېلىنىپ 15 يىلدىن 20 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 3 - 4 يىلدىن كېيىنلا قويۇپ بېرىلىپ، ھەر ئىككىسى غالبىيەت نېفىتلىكىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئىككەيلەننىڭ بىرى ئاپتوموبىل كالونىنىڭ باشلىقى، يەنە بىرى كېيىن سەندۇڭ نېفىتلىكىگە يۆتكىلىپ مۇئاۋىن دېرىكتور قىلىنغان. بوشۈن تورىنىڭ خەۋىرىدە يەنە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن «جۇ يۈڭكاڭنىڭ سىچۈەندىكى 2 - ئوغلى جۇ خەن ئانىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى دەپ قارىغاچقا، دادىسى جۇ يۈڭكاڭ بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن ۋە چېڭدۇدا بىر كىچىك كىتاب دۇكىنى ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلغان. نەۋرىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن جۇ يۈڭكاڭ 2 - ئوغلى جۇ خەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئوغۇل نەۋرىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جۇ خەن دادىسىغا ئۆزىنىڭ ئۇنى مەڭگۈ كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.»
تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 6 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە جۇ يۈڭكاڭغا ئارتىدىغان جىنايىتى، سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ بو شىلەينى تەختكە چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىۋاستە باشقۇرۇش؛ نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىڭپىڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش؛ ھېسابسىز دەرىجىدىكى پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ۋە ئىلگىرىكى ئايالىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەتلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۈگۈنكى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە شى جىڭپىڭنىڭ 5 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدىن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ 5 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، ئىككەيلەننىڭ مۇخبىرلاردىن خالى ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە،جوۋ بايدىننىڭ، بو شىلەينىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدار ۋاڭ لىجۈننىڭ 2012 - يىلى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغان چاغدا بو شىلەي ۋە جۇ يۈڭكاڭنىڭ جىنايى پاكىتلىرى توغرىلىق قانداق ماتېرىياللارنى تاپشۇرغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.