يوپۇرغا ناھىيىسىدىن 1300 دېھقان «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.12.15
yopurgha-kichik-alma-usuli.jpg يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» تەشىۋىقاتى
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا پۈتكۈل يېزىلاردىكى دېھقانلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش بۇيرۇقىغا ئاساسەن مەجبۇرىي ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى»نى ئويناشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، يېقىندا پوسكام، پەيزىۋات، مەكىت ناھىيەلىرى كەنتلەر ئارا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى»نى ئويناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان.

رادىئومىز 2 - دېكابىر قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار يېزىسى 6 - كەنتنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى مەمەتجاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن ئىدى.

بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەنت ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى مەمەتجان بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپ «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» مۇسابىقىسىنىڭ 17 - دېكابىر يوپۇرغا ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 13 كەنتتىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز دېھقاننىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇخبىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نىڭ ئاۋازىنى قويۇپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.