ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا پۈتكۈل يېزىلاردىكى دېھقانلار ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش بۇيرۇقىغا ئاساسەن مەجبۇرىي ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى»نى ئويناشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، يېقىندا پوسكام، پەيزىۋات، مەكىت ناھىيەلىرى كەنتلەر ئارا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى»نى ئويناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغان.
رادىئومىز 2 - دېكابىر قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبە بازار يېزىسى 6 - كەنتنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى مەمەتجاننى زىيارەت قىلىپ، بۇ ھەقتە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن ئىدى.
بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەنت ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى مەمەتجان بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىپ «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» مۇسابىقىسىنىڭ 17 - دېكابىر يوپۇرغا ناھىيە بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 13 كەنتتىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز دېھقاننىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇخبىرىمىزنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نىڭ ئاۋازىنى قويۇپ بەردى.
0:00 / 0:00