ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتان يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئاپىسى، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئايگۈل سۇلتاننىڭ بىر يىلدىن بېرى يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ بۇلتۇر‏‏ 10‏-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى دەلىللەندى. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ لاگېرغا ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى شىچېڭ (غەربى شەھەر) ساقچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئاڭلاۋاتقىنىڭلار ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ئايگۈل سۇلتان ھەققىدىكى گۇۋاھلىق باياناتى. باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ماگىستىر ئوقۇغۇچى مەريەم سۇلتان مۇاھجىرەتتىكى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا بۇلتۇر 3‏-ئايدىن باشلاپ يۇرتىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئىمكانسىز قالغان. ئۇ كېيىن ئۈندىداردىكى دوستلىرى ئارقىلىق ئاپىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكىنىدىن خەۋەر تاپقان.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئونسۇ ناھىيە ئونسۇ بازارلىق ئەدلىيە پونكىتىنىڭ خادىمى ئايگۈل سۇلتانىڭ بىر يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلىدى. بىز ئايگۈل سۇلتاننىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ياكى 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئايگۈل سۇلتاننىڭ قايسى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەتتا يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، 1‏-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئونسۇنىڭ ياڭاق مەيدانى، 2‏-ئوتتۇرا مەكتەپ، پارتىيە مەكتىپى ۋە قىزىل يېزىسى قاتارلىق 4 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى. بىز ئونسۇ بازارلىق ساقچى خادىمىدىن ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ يۇقىرىقى 4 لاگېرىدىن قايسىدا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق ۋە لاگېرغا قايسى ساقچىخانا تەرىپىدىن ئەكېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلدۇق. ساقچى خادىملىرىدىن بىرى ئايگۈل سۇلتاننىڭ ناھىيە بازار ئىچىدىكى «شىچېڭ» يەنى غەربىي شەھەر ساقچىخانىسى تەرىپىدىن لاگېرغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ماگىستىر ئاسپىرانت مەريەم سۇلتاننىڭ ئاپىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىنگلىزچە باياناتىدا ئاپىسىنىڭ ئۆزىگە western union شىركىتى ئارقىلىق پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىز ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى ئالاقىدار ساقچى خادىمىدىن ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. بۇ خادىم ئايگۈل خانىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە بۇ ھەقتە ساقچىخانا باشلىقىدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋىرى بارلىقىنى يوشۇرمىدى.

ماگىستىر ئاسپىرانت مەريەم سۇلتان گۇۋاھلىق بايانىدا ئاپىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئاپىسىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئېلىش ۋە لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشى جەھەتتە خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ تۈركىيەگە خىتاي ئۆزى بەرگەن پاسپورت ۋە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كەلگەنلىكى، تۈركىيەدىكى ئوقۇش ھاياتى داۋامىدا خىتاي ياكى تۈركىيەنىڭ قانۇنلىرىغا قارشى ھېچقانداق بىر پائالىيەتتە بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

يۇقىرىقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خادىملارنىڭ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش سەۋەبىدىن ئايگۈل سۇلتان خانىمنىڭ قىزىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى تېخى دەلىللەنمىدى. ئەمما ئۆتكەن يىلى غۇلجا ناھىيەسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا سولىنىپ ياتقان بىر تۇتقۇننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ئۇ ئىنىسىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلىغا پۇل سالغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.