لىن باۋخۇا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشنى تەكىتلىدى
2013.03.18
تەيۋەندىكى سىياسىي ئانالىزچى لىن باۋخۇا ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە «بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلدى.
تەيۋەندىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى، 7-مارت كورلىدا يۈز بەرگەن ئويۇنچۇقخانىدىكى توقۇنۇش ۋە تىبەتلەر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، «خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
لىن باۋخۇا ئەپەندى رادىئومىزدا ئېلان قىلغان ئوبزورىدا خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىنى مەزگىلىدە، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن «7-مارت كورلا ۋەقەسى»ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.
«بېيجىڭدا ئىككى يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 7-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭدا يەنە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. ۋەقە يۈز بەرگەن جاي كورلا شەھىرى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا قولىغا پىچاق كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر ئەركەك پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ،11 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپتۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەرنى قامال قىلغىنى ئۈچۈن، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئىلگىرىدىن داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇش، (رايوندىكى)ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتكەن. شۇڭا بۇنداق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر ئىدى.»
لىن باۋخۇا ئەپەندى ھېچقانداق ئېتىقادى بولمىغان، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت كويىدىلا بولغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي مەسىلە ۋە دىنىي مەسىلىلەرنى چۈشىنىشنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىقتىسادىي تەرەققىيات»نامىدا، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتا دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن «خىتايلاشتۇرۇش»سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇشى، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ بۇ رايونلار ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتماللاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئېتىقاد، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، تىل جەھەتتىكى چەكلىمىلىرىنى «خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى» دەپ كۆرسەتتى.
لىن باۋخۇا ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر كومپارتىيە ئۆز قىلمىشلىرىدىن يەنىلا ساۋاق ئالمايدىكەن، پەقەت تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىلا ئۇلار ئۈچۈن خەتەرلىك يانار تاغ بولۇپ قالماستىن، بەلكى خوڭكوڭدىمۇ مەسىلە چىقىشى مۇمكىن. ھازىرقى كوممۇنىستىك پارتىيىدە ھېچقانداق ئېتىقاد يوق. ئۇلاردا بارى پەقەت ھوقۇققا بولغان تەمەخورلۇق ۋە مەنپەئەت-نەپسىنى قاندۇرۇش. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار خىتايدا مەۋجۇت بولغان مىللىي مەسىلە ۋە دىنىي مەسىلىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت قاتتىق - يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە ماددىي جەھەتتىن ئازغىنا مەنپەئەت بېرىپ، بۇ رايونلاردا بارغانچە كەسكىنلىشىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. چۈنكى كومپارتىيە ھازىر باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە تەكىتلەۋاتقان قىممەت قارىشى «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر رايونىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش، بۇ رايونلارنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كومپارتىيە تەكىتلەۋاتقان«جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» ئارقىلىق بۇ رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئېتىقادى ۋە قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى بۇ مىللەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ خالاس.»
لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىدا،ئۇيغۇر رايونىدا بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،مۇنداق دەيدۇ.
«كورلىدا ۋەقە يۈز بەرگەن 7-مارت كۈنى ئەتىگەن، رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئىشەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، شۇ كۈنى ئەتىگەن بەرگەن دوكلاتىدا شىنجاڭ ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن زىيادە خاتىرجەملىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمما ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىگە خاتا ھۆكۈم قىلدى. ئەلۋەتتە رايون ۋەزىيىتىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش ناھايىتى قىيىن. چۈنكى (ھۆكۈمەتتىن)نارازى بولغان، غەزەپلەنگەن ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ھەقىقىي گېپىنى دېيىشنى خالىمايدۇ، خىتاي كومپارتىيىسىگە بېقىنغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىغىمۇ كۆڭۈلدىكى گېپىنى قىلمايدۇ. ئۇلار (كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى) خەلقنىڭ ھەقىقىي رايىنى ئىگىلىيەلمەيدۇ. خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئەسلى ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىقلارنىڭ ئەسكى ئىشلىرىنى تەن ئېلىش كېرەك ئىدى. خۇددى خۇ ياۋباڭ سولچىل ئىدىيە ئېلىپ كەلگەن خاتالىقنى تونۇغاندەك. ئەمما، كومپارتىيە رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر كومپارتىيە ئۆز قىلمىشلىرىدىن يەنىلا ساۋاق ئالمايدىكەن، بۇ رايونلاردا تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر چىقىشى مۇمكىن.»
لىن باۋخۇا ئەپەندى ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا، كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايون نامى بېرىلگەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت ۋە بۇ جايلاردىكى ۋەزىيەت بىلەن خوڭكوڭنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغان. لىن باۋخۇا ئەپەندى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدا ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۇ جايلاردا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلاردىن ساۋاق ئالماي، بۇ رايونلاردا «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرسا، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ،«شاھزادىلەر گۇرۇھى» دەپ نام ئالغان ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ كومپارتىيىنىڭ ھالاكىتى بىلەن بىللە يوقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.