ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى: شەرقىي تۈركىستاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» داۋاملاشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.01.28
ghulja-55-adem-sot.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوللېكتىپ سوتلىنىۋاتقان 55 ئۇيغۇرنى سوت مەيدانىغا ئەپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 27-ماي، غۇلجا.
AFP

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماۋ زېدۇڭ 1966-يىلى باشلاتقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» 1976-يىلى ئاخىرلاشقان ئىدى. 10 يىل داۋاملاشقان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا قانچە ئون مىليونلىغان خىتاي خەلقى زىيانكەشلىككە ئۇچراپلا قالماي، ھېسابسىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇنىڭ دەردىنى تارتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرى پىكىر بايان قىلىپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا پەيدا قىلغان ئاپەت خاراكتېرلىك زىيىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە قالدۇرغان جاراھىتى ئۇنتۇلغىنى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن، ئەنۋەرجان ۋە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.