شىۋېتسىيەنىڭ بىناكارلىق مىنىستىرى مەھمەت قاپلان ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلدى

0:00 / 0:00

22-دېكابىر كۈنى شىۋېتسىيە بىناكارلىق ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى مەھمەت قاپلان شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى. زىيارەت شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دىن 14:30 گىچە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ زىيارىتىدىن خۇشال ھەم مەمنۇن بولغان شىۋېتسىيە بىناكارلىق ۋە شەھەر تەرەققىيات مىنىستىرى مەھمەت قاپلان، ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلاردىن بىرى، شىۋېتسىيەدە تۇنجى چىققان «شۋېدچە- ئۇيغۇرچە» ھازىرلانغان لۇغەت. بۇ لوغەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە يېڭى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر مەھمەت قاپلان، « بۇ لۇغەتنىڭ ئېلېكترونلۇق قىلىپ تارقىتىلىشى ۋە ئېھتىياجى بولغان ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

كۆرۈشۈش داۋامىدا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇن، مەھمەت قاپلانغا تەشكىلاتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان تۇرسۇننى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىنىستىر مەھمەت قاپلاننى كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەخمەتجان تۇرسۇن، ئۆزلىرىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى ۋە خاتىرە بويۇم سوۋغا قىلدى.