خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلىشتىكى مەخپىي ھۆججەتلىرى (4)
2018.07.16

«ئۈرۈمچىدىن سىرتقا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈكلىرىنى ئېنىقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى»
ئۆتكەن ئايدا ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىرى ئارىسىدا يەنە «سىرتقا ئېقىپ كەتكەنلەر ۋە ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشتىكى بەلگىلىمىلەر» ناملىق ھۆججەتمۇ ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا.
مەزكۇر ھۆججەتتە ئۈرۈمچىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەنلەر ئۈستىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇشتا «ئاھالىلەر باشقارمىسى بىلەن ساقچى ۋە ئىدارىلەر ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئېنىقلاش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سىرتقا ئېقىپ كەتكەنلەر ۋە ئايرىلىپ ياشاۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاش، بولۇپمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي ئارخىپ تۇرغۇزۇش تەلەپ قىلىنغان.
مەزكۇر ھۆججەتنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە بولمىغانلارنى تىزىملاپ تۈرگە ئايرىش ھەققىدىكى1-بەلگىلىمىسىدە ئۈرۈمچىدىن سىرتقا ئېقىپ كەتكەنلەرنى ئاپتونوم رايون ئىچىدە، ئاپتونوم رايون سىرتىدا، خوڭكوڭ، ماكاۋ ۋە تەيۋەندە ياشاۋاتىدۇ، دۆلەت چېگراسى سىرتىدا، كەتكەن جايى ئېنىق ئەمەس دېگەن 5 تۈرگە ئايرىپ تىزىملاش تەلەپ قىلىنغان.
ھۆججەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش دائىرىسى ھەققىدىكى 2-بەلگىلىمىدە مۇنداق دېيىلگەن:
1. ئەسلى ئۈرۈمچى نوپۇسىدا بولسىمۇ، ئەمما نوپۇستا تىزىملاتقان تۇرالغۇ ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقانلارنىڭ نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئادرېسىنى ئېنىقلاش ۋە تەپسىلىي خاتىرىلەش.
2. ئەگەر بۇ تۇرالغۇ ئۆيلەردە نۆۋەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئەسلى نوپۇس ئىگىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى، قېرىنداشلىرى ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا، بۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەر خىل مەقسەت ۋە سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇرى ۋە دۆلەت ئىچىدە قالغان تۇرالغۇ جايىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىگىدارچىلىقى، چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈچىنىڭ بانكا ھېساباتى، ئىلگىرىكى ئىدارىسى ياكى ئىش ئورنى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي باغلىنىشى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئېنىقلاش.
3. چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلاردىن مەلۇم مۇددەت ئىچىدە قايتىپ كېلىپ تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتەشنى تەلەپ قىلىش.
4. ئەگەر ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ياكى بۇ كىشىلەر قايتىپ كېلىشنى رەت قىلغان ئەھۋالدا ئۇلارغا قارىتا مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان بەلگىلىمە-چارىلەر بويىچە تەدبىر كۆرۈش ۋە ۋاھاكازالار.
ھۆججەتتىكى كەتكەن جايى ئېنىق بولمىغانلار توغرىسىدىكى 3-بەلگىلىمىدە مۇنداق دېيىلگەن: «نوپۇسى ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ، 3 ئايغىچە ئالاقە ئورنىتىش مۇمكىن بولمىغانلار ياكى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئېنىق بولمىغانلارنى ئاھالە باشقارمىسىدىكىلەر بىلەن ساقچىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئېنىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنى ۋە باشقا شەخسىي كىملىكىگە دائىر ئەھۋاللارنى ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ياكى ئىلگىرى بۇ ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ئالاقىدە بولغۇچىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش يولى ئارقىلىق ئېنىق خاتىرىلەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ.»
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە سىرتقا چىقىپ كەتكەن كىشىلەر توپى ئىچىدىكى سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈر دەپ بېكىتىلگەنلەرگە قارىتا ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى، دۆلەت سىرتىدىكى ئالاقە دائىرىسى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تىزىملاش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغان.
رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەزكۇر ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەر ئەمەلىيەتتە خېلى ئىلگىرىلا ئىجرا قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان بەلگىلىمە ۋە چارىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئىككى يىل ئىلگىرى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە يەرلەشكەن ئابدۇراخمان ئەپەندى ئىلگىرى قەشقەردە تىجارەت قىلىپ بېيىغان ئۇيغۇر سودىگەر ئىكەن. ئابدۇراخمان ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى ئانا يۇرتى قەشقەردە نەچچە مىليون يۈەنلىك شەخسى تۇرالغۇسى، 60 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يېرى، ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ئاچقان 60 ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان ئۆسمۈرلەر پۇتبول مەكتىپى ۋە شەخسى سودا شىركىتى بار ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تونۇشلىرىدىن يۇرتىدا قالغان بارلىق شەخسى مۈلۈكلىرىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ياكى مۇسادىرە قىلىنغانلىقى توغرۇلۇق بەزى ئۇچۇرلارنى ئالغان. ئەمما قەشقەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ مال-مۈلكىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇر كەلمىگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئىلگىرى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۈرۈمچىدە شىركەت ئېچىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى.
تاھىر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغان ئايالى ۋە قىزىغا بېسىم ئىشلىتىش، قورقۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇنى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.
دائىرىلەر يەنە ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاۋۋال تەھدىت سېلىش، كېيىن ئۆچ ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. 2017-يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى ئۇ مەبلەغ سالغان ۋە ئۆزى قانۇنىي ۋەكىل بولغان «شىنجاڭ 30 ئوغۇل سودا-مەبلەغ سېلىش شىركىتى» بىلەن «شىنجاڭ دورا چەكلىك شىركىتى» ناملىق ئىككى شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنى تۇتقۇن قىلغان.
تاھىر ئىمىن ئەپەندى يەنە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزىگە قىلغان كۆپ قېتىملىق تېلېفون تەھدىتلىرىنى تىلغا ئېلىپ، گەرچە ھازىرقى شارائىتتا ئۆزى مەبلەغ سالغان بۇ شىركەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى توغرۇلۇق ئېنىق ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىككى شىركەتنى پېچەتلىگەن بولۇشى، شىركەتنىڭ بانكا ھېساباتىنى توڭلىتىپ قويغان بولۇشى ياكى شىركەتنى پۈتۈنلەي مۇسادىرە قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز مەزكۇر ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە بۇ ئىككى شاھىت تەمىنلىگەن ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ھالبۇكى، ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىغا ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز ئۇلانمىدى، بەزى تېلېفونلار ئۇلانغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋابسىز قالدى.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدا قالغان ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، جورىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. بۇ ئەھۋاللار نۆۋەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلمەكتە.