ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ - قۇۋەتلەپ كەلگەن تونۇلغان سىياسەتچى مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 4 - يىللىقى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەنمەكتە. 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنقەرە مارىئوت مېھمانخانىسىدا ئۇنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان مەتبۇئات مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا مۇھسىن يازىجىئوغلۇ مەتبۇئات مۇكاپاتى تارقىتىلدى.
بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى جەمىل چېچەك، مۇئاۋىن باشلىقى پاكدىل ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە ئېچىلىش نۇتقى قىلدى. تونۇلغان ژۇرنالىستلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىنمۇ كىشىلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بىلەن د ئۇ ق نىڭ مۇھاجىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىمۇ قاتناشتى. مۇراسىمدا بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغاندا ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ بايان قىلىندى. ئۇ ياشلىق چاغلىرىدىن تارتىپ مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان.
27 - مارت كۈنىدىكى مۇراسىم ۋە مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
0:00 / 0:00