نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سايلىمى غەلىبىلىك ئۆتتى

0:00 / 0:00

9-ئاپرېل نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى سايلام ئۆتكۈزۈپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى يېڭىدىن سايلاپ چىقتى.

نورۋېگىيەدىكى سايلام مەيدانىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى ناھايىتى جىددىي ۋە ھاياجانلىق ئېلىپ بېرىلغان. سايلامغا نورۋېگىيەدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشقان، سايلام نەتىجىسىدە بەختىيار ئەپەندى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولغان.

بىز سايلام خاتىمىسىدە، بۇ قېتىم نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ۋەزىپە ئالغان تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئىتىدىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ يۈرەك ئاۋازلىرىنى تىڭشاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. بۇ قېتىمقى سايلامدا رەئىسلىككە ئېرىشكەن بەختىيار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سايلامنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا بەختىيار بىلەن رەئىسلىك رىقابىتىگە چۈشكەن سىراجىدىن ئەپەندىمۇ بۇ سايلام ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. تەشكىلاتنىڭ ئىدارە ھەيئىتىگە سايلانغان پاتىمە خانىممۇ بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كاتىپى بولۇپ سايلانغان ئادىلجانمۇ سايلامدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيەگە ئۇيغۇرلار تۇنجى قېتىم 1999-يىلىدىن تارتىپ كېلىشكە باشلىغان. ھازىر تەخمىنەن 1500 ئەتراپىدا ئۇيغۇر نورۋېگىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.