قاراقاشتا چارچاپ ئۆلگەن ساقچىنىڭ پاجىئەسى غۇلغۇلا قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان يەنىمۇ چىڭىتىلدى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان رەئىسى نۇر بەكرى «ئۈچ خىل كۈچلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان مۇقىملىق كۈرىشى ھايات ماماتلىق كۈرەش» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

12-ئىيۇل قاراقاش ناھىيىسى ماڭلاي ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئەخمەت توختى مەتتۇرسۇن مۇقىملىق خىزمىتى ئۈستىدە جان بەردى. ئۇ جىنايەتچىلەر ياكى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەر ۋە ياكى تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا قاتتىق چارچىغانلىقتىن جان ئۈزدى. خىتاي دائىرىلىرى ھاياتىغىمۇ مەسئۇل بولالمىغان بۇ ساقچىنى، مۇقىملىق خىزمىتىگە ھاياتىنى بېغىشلىغان قەھرىمان، ئۈلگە دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاممىۋى تور بەتلەردە بىر دۆلەت ساقچىسىنىڭ خىزمەت ئۈستىدە چارچاپ ئۆلۈشىدەك بۇ پاجىئەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى جاۋابكار ئىكەنلىكى مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى سەيشەنبە كۈنى، خوتەن قاراقاش ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ماڭلاي يېزىلىق ساقچىخانا باشلىقى، 43 ياشلىق ئەخمەت توختى مەتتۇرسۇننىڭ خىزمەت ئۈستىدە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ئۇ 6-ئايدىن بۇيان كەسكىن مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە چارلاش، بىرلەشمە تەكشۈرۈش دېگەندەك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇدا 25 كۈن ئۆيىگە قايتماي، كېچە‏-كۈندۈزلەپ خىزمەت قىلغان، ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ۋە دىئابىت كېسىلى بولغان بۇ 17 يىللىق ساقچىنى جېنىدىن ئايرىغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر خەۋەر تاراتقۇلاردا تارالغاندىن بۇيان، خىتاي ۋە ئۇيغۇر مۇلاھىزە تور بەتلىرى ۋە ئۇندىدار قاتارلىق ئاممىۋى پىكىر مەيدانلىرىدا مۇلاھىزە قوزغىغان بىر تېما بولۇپ قالدى. بەزىلەر بۇ ساقچىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈمىدىن ئېچىنسا، بەزىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش مۇقىملىق، قاتتىق باستۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھايات-ماماتى، تۇرمۇشى، مەنپەئىتى، ھەق ‏-ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەخلى ‏-تەرز قىلىش بەدىلىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىشماقتا ۋە يەنە بەزى خىتاي تور بەتلىرىدە بولسا خىتايدا ئادەتتىكى پۇقرالا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ سىياسىتىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزۈۋاتقان ساقچىغا ئوخشاش دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنىڭمۇ ھاياتىنىڭ قىممىتى يوقلۇقى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلىنىپ، بۇنداق پاجىئەلەرنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر ئۆزىنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا چاقىرىلغان.

ھالبۇكى، ماڭلاي يېزىسىدىكى بىر ئايال، يېزىنىڭ ساقچى باشلىقىنى تونۇمىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى دەپ چارچاپ خىزمەت ئۈستىدە ئۆلگەنلىكىدىن خەۋىرىمۇ يوق ئىكەن. ئەمما ئۇ يېقىندىن بۇيان ساقچىلارنىڭ كېچە ‏-كۈندۈز ئۆي تەكشۈرۈپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ساقچىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ئۈستىدە ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش سەۋەبلىك جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتچىلەر ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ ھەقتە بىز ئامېرىكىدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئېلشات ئەپەندى «بۇ ساقچىنىڭ ئۆلۈمى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پۇقرالار ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، خىتايدا ھەر قانداق ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ قەدرى-قىممىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.