ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتوموبىللارغا «ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.02.21
beydou-orun-belgilesh-2.jpg خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ خۋاەن ناھىيەسى بېيدۇ ئورۇن بەلگىلەش مەركىزىگە تىزىملاتقىلى كەلگەن شوپۇرلار. 2015-يىلى سېنتەبىر.
huaan.gov.cn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاپتوموبىللارغا «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» (GPS) ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سۇيىئىستېمال قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 14-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن «گۇما ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇققا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مىڭلىغان قوراللىق ساقچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 كىشىنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كۆرسەتكەن بۇ ھەيۋىلىرى ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى پەۋقۇلئاددە جىددىيلىك خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر شارائىتتا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى 19-فېۋرال كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئوبلاست تەۋەسىدىكى بارلىق ئاپتوموبىللارغا «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ سىستېمىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىردەك ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر خەۋەر ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە «مۇھاپىزەت» گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبىسىنىڭ باشلىقى تى كۇمار ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى قارارىنىڭ ئۆزلىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بىز بارلىق ئاپتوموبىللارغا مەجبۇرىي ھالدا گ پ س سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە يۆتكىلىش ھوقۇقىنى، ئۇلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «مۇھاپىزەت» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق تەشۋىقات ئىدارىسى بۇ قارار ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلقئارا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ زورلۇقى، ئاپتوموبىللارنىڭ تېررورچىلارنى توشۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئاپتوموبىللارغا كۆزىتىش سىستېمىسى ئورنىتىشنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، ئاۋسترالىيە لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى،پروفېسسور جەيمىس لېيبولد ئەپەندى «مۇھاپىزەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىغا ئوخشاتقان. ئۇ 2009‏-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوننى تەدرىجىي ھالدا «ساقچى دۆلىتى» سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت قىلىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۆۋەن ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە زور مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نيۇيورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيامىڭ ئەپەندىمۇ بۈگۈن بىزگە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى قارارنى 2009-يىلىدىن كېيىن رايوندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان «ھەربىي ئارقىلىق كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئاتىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «2009‏-يىلىدىن كېيىن شىنجاڭدا ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتى قوللىنىلدى. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەربىي سىناق ئېلىپ بېرىلدى. شۇڭا يېقىندا چىققان ۋەقەلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتايىن ئەندىشە قىلىپ، يۇقىرىدىكى بۇ تەدبىرنى قوللانغانلىقى ئېنىق. مەنچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان كونترول قىلىش سىياسىتى ئاستىدا بۇنداق ئەھۋاللار يەنىمۇ كۈچىيىدۇ. چۈنكى، شى جىنپىڭنىڭ كونترول قىلىش سىياسىتىنى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرى بىلەنمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، شى جىنپىڭ قامالنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ماڭىدىغاندەك قىلىدۇ.»

ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئاپتوموبىللارغا كۆزىتىش، ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئاندا-ساندا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەردە «بۆلگۈنچى» ياكى «ئىسلامچىلار»نى ئەيىبلىسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ ھۇجۇملار «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنى قاتتىق كونترول قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى قويمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ئاۋسترالىيە لاتروپ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جەيمىس لېيبولد ئەپەندى «مۇھاپىزەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، يۇقىرىدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەر ئاستى ھەرىكەتلىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى، بۇنداق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھەرقانداق شەكىلدىكى بىر قارشىلىقنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ جېنىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن بېشىنى ئېگىشكە مەجبۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون شۆبىسى مۇدىرى تى كۇمار ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن قايىل قىلارلىق بىر سەۋەب كۆرسىتىشكە چاقىرىپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نېمە ئۈچۈن زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىزگە ئىمكان يارىتىدىغان كۆزىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.