«ئاياللار ھوقۇقى فرونتى» پرېزىدېنتى: خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىزگە يەنىلا قاراڭغۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.10.14
Chris-Smith-Chen-guangcheng-rejji-liteljon-reggie-littlejohn.jpg (سولدىن ئوڭغا) ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفىر سىمىت، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئەما چېڭ گۇاڭچىڭ، ئاياللار ھوقۇقى فرونتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى رېججى لىتېلجون خانىم خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىندا. 2014-يىلى ئۆكتەبىر
AFP

«مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش تاللاش ئەمەس، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان 35 يىل جەريانىدا 400 مىليون ئىنسانغا قاتىللىق قىلدى، بۇ پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپ سان، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى دېگەن گەپ» بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى بولغان «ئاياللار ھوقۇقى فرونتى» نىڭ پرېزىدېنتى رېججى لىتېلجون خانىم، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەسىرلىرى ھەققىدە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش ۋە مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان.

يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قانداق شەكىلدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ جەرياندا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنسان ئەخلاقىغا، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى قەبىھ ۋاسىتە ئارقىلىق خىتايدا بالىلار ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئائىلىلەرگە، خىتاي جەمئىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە داڭلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئەما چېڭ گۇاڭچىڭ مەخسۇس دوكلات بەردى. چېڭ گۇاڭچىڭ ئىسپات بېرىپ مۇنداق دېدى:
-خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن، ئۆزۈمنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىم ۋە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمدىن شۇنىسى مەلۇمكى، بالىسىنى چۈشۈرگەن ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلىنغان يۈز نەچچە مىڭ پۇقرانىڭ ھېچ بىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسى قىلغان ئەمەس، بەلكى دائىرىلەرنىڭ تۈرلۈك قەبىھ ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرلىشى، زۇلۇمى ئاستىدا ھاياتىنى تەھدىتكە ئاتقان. خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي يوسۇندا يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پۇقرالارنى ۋەھىمىگە مۇپتىلا قىلدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن شۇنداق بىر ۋەزىيەت ياراتقان، پۇقرالار پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زۇلۇمىغا، زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىسىمۇ ئەرز قىلالمايدۇ، نارازىلىق بىلدۈرەلمەيدۇ. چوقۇم شەرتسىز بويسۇنۇش كېرەك. قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر تېخىمۇ قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ. كوممۇنىست خىتاي زۇلۇمىدا خىتاي جەمئىيىتى قانۇنسىز، ئادالەتسىز بىر جەمئىيەتكە ئايلاندى، ئىنسانلىق دەپسەندە قىلىنغان بىر جەمئىيەتكە ئايلاندى.

چىڭ گۇاڭچىڭ يەنە پۈتۈن دۇنيانى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنى خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن ئىبارەت قەبىھ قىرغىنچىلىقىغا خاتىمە بېرىش، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دېكتاتورلىقىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى :
‏-خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ئېغىر بىر ھالەتتە، ئىنساننىڭ قىممىتى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتايلاردا تارىختىن تارتىپ «ئۆي دېگەن ئۆزۈمنىڭ قورغانى، شاھمۇ بىسوراق كىرەلمەس» دەيدىغان تەمسىل بار، ئەمما رەھىم-شەپقەتسىز كوممۇنىست خىتاي دائىرىلىرى ئۆيىمىزگە زورلۇق بىلەن خالىغان ۋاقىتتا باستۇرۇپ كىرىپلا قالماي، ھەتتا تېنىمىزنىڭ ئىچىگە كىرىپ مەجبۇرىي بالىمىزنى سۇغۇرۇپ ئالالايدۇ، ھەتتا ئۇنى كۆز ئالدىمىزدا ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىز خىتاي پۇقرالىرى تەرەپتە تۇرۇشىمىز، بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىپ، دىكتاتور كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە 1980-يىللاردىن باشلاپ خىتاي مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. گەرچە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتايدىن باشقا مىللەتلەرگە بىردىن ئارتۇق پەرزەنتلىك بولۇشنى نىسپىي يولغا قويغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا پىلاندىن ئارتۇق ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشتەك چارىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدىكى بىر مەسىلە، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىغان دوكلاتلىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار نوپۇسىغا قاراتقان كونتروللۇقى بارغانچە ئاشۇرۇلۇۋاتقان يېقىنقى 10 نەچچە يىلدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش بولسا تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلمەكتە. رادىيومىزغىمۇ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىنكاسلار كەلدى. ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەنمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ ئوخشاش قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۆز ئېغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىپ «ئۇيغۇر ئېلىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئاز دېگەندە 3 مىليون بوۋاق ئاز تۇغۇلدى» دېگەن ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاياللار ھوقۇقى فرونتى تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى رېججى لىتېلجون خانىم ئۇيغۇر ئېلى دۇنياغا يېپىق ۋە قاراڭغۇ بىر ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى :

-گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىردىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈش مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاياللار ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى سىياسىتىنىڭ رەھىمسىز زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ئەمما ئۇ جايدا خىتاينىڭ قاتتىق كونتروللۇقىدا، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىزگە يول قويۇلمىغانلىقى ۋە شۇنداقلا بىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەنلەرنىڭ خەتەرگە ئۇچرايدىغانلىقى سەۋەبلىك زادى قانچىلىك ئاياللارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقى، قانچىلىك بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق ۋە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولالمايۋاتىمىز، شۇڭا بۇ قاراڭغۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەھۋالى بىزنى تېخىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدۇ.

رېججى خانىم خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تۈپتىن خاتا ۋە دەرھال توختىتىشقا تېگىشلىك بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى جىددىي تەكىتلەپ مۇنداق دېدى :

‏-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل تارماقلىرى ئۆزلىرى دوكلاتىدا يىلىغا 13 مىليون بالىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ دېمەك كۈنىگە 35 مىڭ بوۋاق قەتلىئام قىلىنىدۇ دېگەن گەپ، مەيلى خىتاي يالغۇز پەرزەنتلىك سىياسىتىنى ئىككى پەرزەنتلىك ياكى 3 پەرزەنتلىك قىلىپ ئۆزگەرتكەن تۇغۇتقا چەك قويغان بۇ سىياسەت بەرىبىر قىرغىنچىلىق ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، داۋاملىق تۈردە ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ نۇقتىلىق مەسىلە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بالىلارغا ۋە ئانىلارغا قاتىللىق قىلىشى يەنى خىتاي تۇغۇلمىغان ھامىلىلەرنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ۋە پىلاندىن سىرت بولغان بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىش كېرەك ! ھەمدە دەرھال!

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.