قاراماي شەھىرىدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2016.06.27
qaramay-mutellip-muhemmet-emin-abdurahman.jpg 2016-يىل 3-سېنتەبىر تۇتقۇن قىلىنغان (سولدىن ئوڭغا) مۇتەللىپ، مۇھەممەد ئەمىن، ئابدۇراخمان دالا سەيلىسىدە.
RFA/Éhsan

چەتئەللەردىكى ئاممىۋى ئۇچۇر تورىدىكى مەلۇماتلار ۋە ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، قاراماي شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھەمدە قاراماي نېفىتلىكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن زاھىر دىلمۇرات، شاھى مەردان، ئەنىۋەر، ئابلىمىت ئابدۇلئەزىز، سەيپۇللا قاتارلىقلار قاراماي شەھەرلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆيىدە ۋە سىرتلاردىكى ئوخشىمىغان جايلاردا تۇتقۇن قىلىنغان.

بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئابدۇخېلىل، ئابدۇراخمان، مۇھەممەت ئەمىن، تۇرسۇنجان، ئابلىمىت، ئابدۇراخمان، ئىلىجان، مۇتەللىپ قاتارلىق يەنە 10 نەپەر ياش تۇتقۇن قىلغان.

بىز بۇ خەۋەرنى دەلىللەش داۋامىدا بۇ ياشلارنىڭ بىرقىسىمنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشمايدىغانلىقىنى، بۇ ياشلار پەقەت توغرا يولدا ماڭغان، بەزىلىرى ساقال قويغان، ناماز ئۆتەيدىغان بولغاچقا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن نۇقتىلىق كىشىلەر قاتارىدا نازارەت قىلىنغانلىقىنى ئۆگەندۇق.

يەرلىك دائىرىلەر 2016-يىلى 3-ئايدا بىر قېتىم ئوچۇق سوت قىلغان بولۇپ، بۇ ياشلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشقان، سوتقا ئېلىپ چىقىلغان بۇ ياشلار سوراق جەريانىدا قاتتىق ئۇرۇلغان بولغاچقا، باش قىسمىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ سوت مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلغان.

ئابلىمىت ئابدۇلئەزىز ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدا قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى سوت مەيدانىدا ئاشكارىلىغان.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ دېلوسىدىن تولۇق خەۋىرى بار، ئەمما نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خانىم قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 2016-يىلى 5-ئايدا 15 نەپەر ياشقا ئوچۇق سوتمۇ ئاچماي سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى ئائىلىسىنىڭ قولىغا بەرگەن بىلدۈردى.

ھۆكۈمنامىدە 35 ياشلىق زاھىر دىلمۇرات «تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغان»، «تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ئىقتىساد يوللاشقا ئۇرۇنغان»، «دۆلەت پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، باشلامچىلىق قىلغان » دەپ 18يىللىق مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

قالغان 14نەپەر ياشمۇ شۇ خىلدىكى جىنايەتلەر بىلەن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم قىلىنغان.

بىز تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىكى بۇ دېلونىڭ سوتىغا قاتناشقان سوتچى مۇنىرە تۇراخۇنغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

بىز يەنە قاراماي شەھەر ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە كىشىنى زىيارەت قىلىپ باققان بولساقمۇ، ئۇلار سىرتتىن كىرگەن تېلېفون كونتروللۇقى ۋە مۇخبىرلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزىنى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن قاچۇردى.

تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بۇ دېلودىكى بالىلارنى يېقىندىن تونۇيدىغان بىر خانىم ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.