مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچى ئىلھام قارىمۇ يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.10
ilham-qari-memetjan.jpg مىسىردىن يۇرتىغا قايتىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەن 28 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئىلھام قارى مەمەتجان.
Anglighuchimiz teminligen

ئالدىنقى كۈنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 28 ياشلىق ئىلھام قارى مەمەتجاننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلھام قارىنىڭ يۇرتى بولغان ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

رادىئومىزغا كەلگەن مەزكۇر ئىنكاستا ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا بۆگەن كەنتىدىكى مۆتىۋەر زاتلاردىن ئوبۇلھەسەن ھاجىنىڭ نەۋرىسى ئىلھام قارى مەمەتجاننىڭ 2016 ‏-يىلى يۇرتىغا قايتقانلىقى ۋە بىر مەھەل نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكى، بۇلتۇر يەنى 2017‏-يىلى يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتۇش شەھەرلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە تېلېفون قىلدۇق.

مەزكۇر ئىنكاستا ئىلھام قارى مەمەتجاننىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىش نىيىتىدە سىياسىي مەزمۇندىكى سۆز-ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتقانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاتۇشتا گۆرۈگە ئېلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوقۇشىنى تاشلاپ يۇرتىغا قايتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىز ئاتۇش شەھەرلىك ج خ قوماندانلىق مەركىزىگە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئىلھام قارى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر ئىنكاستا يەنە ئىلھام قارىنىڭ مىسىردىكى ۋاقتىدا ئۆيلەنگەنلىكى ۋە ئىككى پەرزەنتى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ئايال-بالىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمىگەن. ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا دەسلەپتە ساقچىلار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىز ساقچى خادىملىرىنىڭ مىسىردىن قايتقان ۋە لاگېردا جان ئۈزگەن ئىلھام قارىنىڭ مەھەللە تەۋەلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئازاقنىڭ بۆگەن كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ساقچى خادىمى ئىلھام قارىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يۇقىرى ئورۇنلاردىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، ئۇ سۆزىدە ئىلھام قارىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

مەزكۇر ئىنكاستا ئىلھام قارى 2016‏-يىلى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا يەنە ئىلھام قارىنىڭ ئانا تەرەپتىن ئابدۇغېنى ۋەلى، ھېكىمجان ۋەلى قاتارلىق 5 قېرىنداش ئىكەنلىكى ۋە مۆتىۋەر بىر تىجارەتچى ئائىلىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەسلى ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزف بۆگەن مەھەللىسىدىن بولغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان پائالىيەتچى زىببۇللا ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۇتقۇندىكى قولۇم-قوشنىلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا ئابدۇغېنى ۋەلى قاتارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسى بويىچە لاگېردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ئاڭلىغۇچىمىزنىڭ ئىنكاسىدا ئەسلىدە ئىلھام قارى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر جەمەتتىن ئاز دېگەندە 5-6 بالىنىڭ مىسىرغا ئوقۇشقا چىققانلىقى، بۇلاردىن پەقەت ئىلھام قارىنىڭلا ئۆلۈمىدىن ئۇچۇر بارلىقى قەيت قىلىنغان. بىز ئازاق يېزىلىق ساقچىخانىغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئىلھام قارى ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ساقچىخانىدىن نىسبەتەن ئۇزاق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇمۇ ئىلھام قارىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنى ئىنكار قىلمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ، مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 3‏-كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنىڭ دەلىللىنىشىدۇر. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا مىسىردىن قايتقان كورلالىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئابدۇسالام بىلەن ياسىنجاننىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.