«ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىر قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.20
xitay-saqchi-charlash-tekshurush.jpg خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدىكى كېچىلىك بازارنى چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 25-ئىيۇن، قەشقەر.
AFP

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇچۇر ۋە رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتاقلىق زىيالىيلارغا قارىتا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى كۈرەش داۋامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئېغىر روھىي بېسىم سەۋەبىدىن بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى دەلىللەندى.

ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماسنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدا «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ سابىق مۇخبىرى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئىلگىرىكى قوشنىسى جۈرئەت نىزامىدىنمۇ رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، قەيسەر قېيۇمنىڭ بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئالاقىدار خادىم بۇ بىرلەشمىدە بۇنداق بىر خادىمنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماسنىڭ باياناتىدا قەيسەر قېيۇمنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىپ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلىكى، يەنى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا قەيسەر قېيۇمنىڭ تېخى لاگېرغا ئاپىرىلمىغانلىقى، پەقەت ئۆلۈمىدىن بىر ھەپتە ئاۋۋال ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئۆزىنى بىنادىن تاشلاپ ئۆلۈۋالغان كۈنى بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقى، يەنى لاگېرغا ئاپىرىلىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىز ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا بىرلەشمىنىڭ سىياسىي بۆلۈم باشلىقى قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

پائالىيەتچى قۇتلۇق ئالماس قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «كۈرەشچان يىللار»، «قىزىل تاغ باتۇرلىرى» قاتارلىق رومانلارنىڭ يازغۇچىسى قېيۇم تۇردىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي ئاڭ-سەزگۈرلۈكى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانىنى ئالدىراپ ئىپادىلىۋەتمەيدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، مىجەز-خاراكتېرىنىڭ بىرئاز ئېھتىياتچان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ قەيسەر قېيۇمنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ لاگېرغا ئاپىرىلىشتىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ چەتكە قاقمىدى.

قۇتلۇق ئالماس يەنە ئەڭ يېقىندا ئېرىشكەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن قەيسەر قېيۇمنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت بىناسىنىڭ 8‏-قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جەمئىيەت خەۋەرلىرىدىن ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ھازىرغا قەدەر لاگېرغا ئەكېتىلگەنلەردىن ئاساسەن دېگۈدەك قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بولمىغانلىقى مەلۇم. بۇ نۇقتىدىن قەيسەر قېيۇمنىڭ لاگېردىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئەمەس، بەلكى لاگېرغا ئاپىرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىق ئېھتىماللىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.