دىلشات رېشىت: ياپون خەلقىگە تېررور بىلەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.01.29
dilshat-rishit-yaponiye-305.jpg د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 2015-يىلى 28-يانۋار، توكيو.
RFA/Qutluq

28-يانۋاردىن باشلاپ توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۈگۈن ياپونىيەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئاڭلىتىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ سۆزىدە ئۆزىنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا تېررورلۇق بىلەن ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە جەمئىيىتىدە 18-يانۋار «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەدە گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى نەپەر ياپونىيە پۇقراسىدىن بىرىنىڭ يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ياپونلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى ھەققىدە كۆپلىگەن ئوخشىمىغان قاراشلاردا بەس مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ياپونىيەدە چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ئاساھى شىمبۇن»، «يومىئۇرى شىمبۇن» قاتارلىق گېزىتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەردىن كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىمۇ ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.