رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى
2018.04.02

يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى»، «ۋىكتورىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ۋە «ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر ھەپتىلىك خىزمەت زىيارىتى ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە كەلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە سەپىرى 26-مارت كۈنى پايتەخت كانبېررا شەھىرىدە باشلانغان زور كۆلەملىك نامايىشقا توغرا كەلگەن. شۇ قېتىملىق نامايىشتا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلەپ ئېچىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە بولغان قارشىلىقىنى ۋە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
رابىيە خانىم شۇ قېتىملىق نامايىشقا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ بىر مۇھىم مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاچچىق رېئاللىقنى دۇنياغا ئەسلىتىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانبېررا شەھىرىدىكى زور نامايىشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى سەپ تارتىپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ئالدىغا توپلىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى باشقا كىشىلەرگىمۇ بىلدۈرۈش بولغان ئىكەن. دەرۋەقە، نامايىشچىلار بۇنىڭ نەتىجىسىنى شۇ كۈنىلا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. ئاۋسترالىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ خادىملىرى شۇ كۈنىلا رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن نامايىش نەق مەيدانىدا كۆرۈشكەن.
كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۇچۇرلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ئاۋسترالىيە سەپىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئانچە ياخشى بولمايۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە قويۇلماقچى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبلىك بىر قېتىملىق زور غوۋغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ قېتىم گەرچە ئۇنداق زور سۈركىلىش كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىدە ئاشكارا «دەز» لەر كۆرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە رابىيە خانىم ئاۋسترالىيەدىكى نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلغان. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئاۋسترالىيەگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ئاۋسترالىيە خەلقى ئىچىدە بىر ئومۇمىي مۇنازىرە كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيەگە كېلىشى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ تېگىشلىك دىققىتىنى تارتقان.
«ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى مەمتىمىن ئەلا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ مۇشۇنداق بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا ئىشتىراك قىلغان مەمتىمىن ئەلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنت ئەزاسى تونىي زاپىيا بىلەن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ سېناتورى ساراھ خانسون ياڭ نۇقتىلىق قىلىپ بىرنەچچە مەسىلە ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن دەسلەپ بولۇپ كانبېررا شەھىرىدىكى نامايىش مەيدانىدا ئۇچرىشىشى ئىجابىي ۋە ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېزلا نامايان بولغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ پىكىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تاشقى دۇنياغا، بولۇپمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بىلدۈرۈشى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ زور قوللاشقا ئىگە بولۇشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر بۇ نۇقتىدىن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى «ئۇتۇقلۇق بولغان بىر قېتىملىق سەپەر،» دەپ قارىماقتىكەن.